باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

رايونىمىزنىڭ يېزىلاردىكى ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەركەز مالىيىسى130 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى

2015.08.17 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردىكى ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇيىل مەركەز مالىيىسى130 مىليون يۈەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەتتە ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزىلارغا كىرىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان ناھىيىلەرگە تۇلۇقلىما ياردەم بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى ، سودا مىنىستىرلىقى ئالدىنقى مەزگىلدە2015-يىللىق ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزىلارغا كىرىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان 200 ناھىيىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ، مەركەز مالىيىسى 2 مىليارد يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ سىناق نۇقتىسىغا ياردەم قىلىش، سىناق قىلىنىدىغان ھەر بىر ناھىيىگە10 مىليون يۈەندىن پۇل ئاجرىتىشنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزىلارغا كىرىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىلىدىغان ناھىيە بۇلۇپ باھالانغان جايلاردىن تېكەس ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى، لوپنۇر ناھىيىسى، ساۋەن ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى، خېجىڭ ناھىيىسى ۋە چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بار. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر