باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 16 كۈندە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇقىچىلاپ تارتىشىشنىڭ تۆت تۈرىدە 1 - لىككە ئېرىشتى

2015.08.17 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۇقىچىلاپ تارتىشىش تۈرىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۆت تۈردە 1 - دەرىجىلىك، ئىككى تۈردە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  بۇ قېتىم شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇقىچىلاپ تارتىشىش مۇسابىقە تۈرىگە ئالتە ماھىرنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، ھەممىسى بىردەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ھەم 55، 61، 68، 95 كىلوگىراملىقتىن ئىبارەت تۆت دەرىجە بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 76، 85 كىلوگىراملىقتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 55، 95 كىلوگىراملىقتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە بويىچە ئۇدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ بۇقىچىلاپ تارتىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لۈ شىنگۈي مۇنداق دېدى: بۇ تۈر مۇسابىقىسى 2002 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 2003 - يىلى ۋە 2007 - يىلى شىنجاڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن. 2011-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىدا يېڭى كۈچلەر بارلىققا كېلىپ، تۆت تۈردە 1-دەرىجىلىك ۋە بىر تۈردە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بۇقىچىلاپ تارتىشىش تۈرىدىكى كۈچلۈك كوماندا بولدى. لۈ شىنگۈي مۇنداق دېدى: بۇقىچىلاپ تارتىشىش تۈرىنىڭ مەيدان چەكلىمىسىگە ئۇچراش دەرىجىسى كىچىك بولۇپ، بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ئاسان، بىراق بۇ تۈر قارىماققا ئاددىي، ئۆگىنىش ئاسان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنىش قىيىن. بۇقىچىلاپ تارتىشىشنىڭ جىسمانىي كۈچ، چىدامچانلىق، ئېتىلىش كۈچى ۋە تېخنىكىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر