خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇسابىقە ئىشلىرى تەشكىلىي گۇرۇپپىسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەملىكەتلىك ياش ـ ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتى رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىسى ۋە دۆلەت ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى بىلەن 600دىن ئارتۇق كىچىك پۇتبولچى ۋە تېرىنىرنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى بىلەن «چاڭبەيتوڭ» 2015-يىللىق مەملىەتلىك ياش ـ ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 14-چېسلا خۇەيروۋ رايونىدىكى تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاياقلاشتى.
بەش كۈندىكى 88 مەيدان مۇسابىقىدە تىرىشىپ تىركىشىش نەتىجىسىدە، تەشكىلىي كومىتېت ئورۇنلاشتۇرغان ئادىل رىقابەت ئارقىلىق مەنىۋى مەدەنىيلىك ئەترەت، جەڭگىۋار قوشۇن، مۇنەۋۋەر رېپىر، مۇنەۋۋەر تېرىنېر، ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى، مەرگەن، ۋارىتار، بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەنلەر بېكىتىلدى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوغۇللار پۇتبول گۇرۇپپىسىدىن 1-، 2-، 3-لىككە ئېرىشكۈچىلەر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى كوماندىسى، چاڭشا كوماندىسى ۋە قەشقەر كوماندىسى بولدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر بويىچە ئالدىنقى ئۈچ چېمپىيۇن شىنجاڭ كوماندىسى، خېنەن كوماندىسى ۋە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بولدى. باشلانغۇچ مەكتەپ قىزلار پۇتبول كوماندىسىدىن شاڭخەي كوماندىسى، سىچۇەن كوماندىسى ۋە بېيجىڭ كوماندىلىرى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالغا ئېرىشتى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى