باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 3 - قېتىملىق ئارزۇ توپلاش خىزمىتى باشلاندى

2015.08.12 13:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا 3 - قېتىملىق ئارزۇ توپلاش خىزمىتى باشلاندى. بۇ يىلقى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ قېتىملىق تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇشقا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرسنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ ھەم ئالدىنقى قېتىم ئارزۇ تولدۇرغان ئالىي كەسپىي(تېخنىكوم) مەكتەپلىرىنىڭ ئالدىنقى تۈركۈمىدىكى ئارزۇسى ۋە ئۈچ كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپكە(كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، كەسپىي ئوتتۇرا تېخنىكوم، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى) تولدۇرغان ئارزۇلىرىنى ئۆزگەرتىپ قايتا ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ. قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولمايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئارزۇ تولدۇرۇشتا خەنزۇ تىل - يېزىقى بويىچە، نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئايرىم تۈرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان نامراتلارنى يۆلەش پىلانىدىكى تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمىدە بىرلا مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىلىدىكەن. بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە، تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمىدە ئالتە مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىلىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئايرىم تۈرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان نامراتلارنى يۆلەش پىلانى بويىچە، تولۇق كۇرس 3 - تۈركۈمىدە بىرلا مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىلىدىكەن. تولۇق كۇرس 3 - تۈركۈمىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانى بويىچە، ئالتە مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىلىدىكەن؛ ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى بويىچە، تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈمىدە بىرلا مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىلىدىكەن. نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئايرىم تۈرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان نامراتلارنى يۆلەش پىلانى بويىچە، تولۇق كۇرس 1 -، 2 - تۈركۈمىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىلىدىكەن. بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە، تولۇق كۇرس 1 -، 2 - تۈركۈمىدە ئالتە مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىلىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئايرىم تۈرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان نامراتلارنى يۆلەش پىلانى بويىچە، تولۇق كۇرس 3 - تۈركۈمىدە بىرلا مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىلىدىكەن. تولۇق كۇرس 3 - تۈركۈمىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانى بويىچە، ئالتە مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئارزۇدا ئالتە كەسىپ تاللىنىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر