باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا توردا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەلىنىش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

2015.08.06 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توردا دۇكان ئاچسا، دۇكان ئاچقانغا ئوخشاش، كۆپ تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى «توردا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى، توردا ئىگىلىك تىكلەش شەرتلىرىدىكى قانۇن ـ بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى، باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئورۇن ئىجارە تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يۆلەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا بەلگىلىنشىچە، تەستىقلانغان ئوبېيكىت چوقۇم شىنجاڭ دائىرىسىدە تىزىمغا ئالدۇرغان (تىزىمغا ئالدۇرغان IP ئادرېىسى چوقۇم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدە بولۇشى كېرەك) تور سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇشى، تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا جامائەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان ۋە ئىقتىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا ئىشسىز دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان ئىسپاتى بولۇشى؛ «خىزمەت تىپىش، ئىگىلىك تىكلەش گۇۋاھنامىسى»نى بىجىرگەن بولۇشى كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ھەمدە قوشۇمچە تور تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر تەستىقلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

  بېكىتىش شەرتلىرى تور نامى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى سۇپىسىدا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تەستىقلانغان، تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋاقتى تور تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئالتە ئاي (ئالتە ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئاشقان بولۇشى؛ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايلىق تىجارەت سوممىسى 3 مىڭ يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان بولۇشى، بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق تور دۇكىنى ئاچىدىغانلار ھەمدە يۇقىرى بارلىق شەرتلەرگە ئۇيغۇن كىلىدىغانلارنىڭ تىجارەت سوممىسىنى بىر ھەسسە ئارتۇق ھېسابلىساق بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، توردا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى بېكىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى بىر يىل، توردا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىكەنلىكى بېكىتىلگىنىگە بىر يىلدىن ئاشقانلار ئالاقىدار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىق بۆلۈمى سېلىشتۇرۇپ ئىلتىماس قىلغۇچى كىشىنىڭ توردىكى تىجارەت ئەھۋالىنى قايتا دەلىللىگەندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش گۇۋاھنامىسى» ياكى «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىق گۇۋاھنامىسى»نىڭ ئۈستىگە قايتا دەلىللەنگەن ۋاقتى ئەسكەرتىلىدۇ، قايتا دەلىللەشتىن ئۆتمىگەنلەر كۈچكە ئىگە بولالمايدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر