باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جامائەت پاراۋانلىقى بېغىدىكى بىر جۈپ گۈل −− يۇلتۇز بىلەن قۇندۇز

2015.08.06 13:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلار قوشكېزەك ئاچا - سىڭىل، ئۇلار ئىلگىرى ئۇسسۇل ئايىغى كىيىپ چوڭ سەھنىلەردە لەرزان پىرقىراپ ئۇسسۇل ئوينىغان، تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ چەت ئەللەردە ئوقۇغان ۋە ئىزدەنگەن. ھازىر ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، نەزەرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاياللار ۋە بالىلارغا قاراتتى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەير - ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارغا ياردەم بېرىش.

  28 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى مىڭخۇا كوچىسىدىكى «تاڭ نۇرى» مەھەللىسىگە كەلدىم. يۇلتۇز سىدىق بىلەن قۇندۇز سىدىق دوختۇرخانىدىن ئەمدىلا ئۆيىگە كېلىپ تۇرغان ئىكەن، ئۇلار مېڭە پارالىچ كېسىلى بار ئالتە ياشلىق قوشكېزەك ئاچا - ئىنىغا قۇتقۇزۇش تۈرى ئىلتىماس قىلغىلى بارغان ئىكەن.

  ئۇزۇن چاچلىرى يەلكىلىرىنى يېپىپ تۇرغان، چىرايلىق ياسىنىۋالغان بۇ زىلۋا ئاچا - سىڭىلنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتىدىنمۇ سەنئەت پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.كىچىكىدىلا چوڭ سەھنىلەرگە چىقىشقا ئىرادە باغلىغان ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن كىچىكىدىن تارتىپ ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، ئالتە يېشىدىن باشلاپ ئۆسمۈرلەر سارىيىدا ئۇسسۇل مەشىق قىلدى، كېيىن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل فاكۇلتېتىدا ئوقۇدى.

  ئوقۇش ھاياتى تىلغا ئېلىنغاندا، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىسىغا رەھمەت ئېيتتى، «ئاتا - ئانىمىز بىزنى ئەزەلدىن بىرەر ئىش قىلىشقا زورلاپ باقمىغان، بىزنى توغرا قىلالمايدۇ دەپ قارىسىمۇ، پىكىرلا بېرەتتى، ئۆزىمىزنى تاللاشقا، قىلىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى»، دېدى ئاچىسى قۇندۇز. «باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە نەتىجىمىز ياخشى بولۇپ، نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانىدۇق، شۇنداقتىمۇ ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇيىمىزغا يېتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇشنى تاللىدۇق»، دېدى سىڭلىسى قۇندۇز. سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇش جەريانىدا ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىدە ئىككى قېتىم يازلىق لاگېرغا قاتنىشىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ قاتارلىق جايلارغا بارغان بولۇپ، شاڭخەي تىياتىرخانىسى ئۇلاردا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. ساياھەت يېتەكچىسىدىن ئەڭ ياخشى ئەسەر ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىسلارنىڭلا بۇ سەھنىگە چىقالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان قۇندۇز يۇلتۇزنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «كەلگۈسىدە چوقۇم بۇ سەھنىدە ئويۇن قويايلى»، دېدى.

  ئۇسسۇلچى بولۇش ئارزۇسى ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننى جاپالىق مەشق قىلىشقا ئۈندەپ تۇراتتى. 2001 - يىلى ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئوتتۇرا تېخنىكومدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، شۇ چاغدىكى جۇڭگو ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى(ھازىرقى جۇڭگو شەرق دۆلەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى)گە تاللىنىپ، كەسپىي ئۇسۇلچى بولدى. ئۆمەكتە ئىشلەش جەريانىدا ئۇلار مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ھال سوراش، زىيارەت ئويۇنلىرىنى قويدى، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى، تايلاند، كورېيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردە ئويۇن قويغاندا، ئۇسسۇلدا باش رول ئالدى. ئالاھىدە نەتىجىسى بىلەن 2001 - ۋە 2002 - يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ «دۆلەت 3 - دەرىجىلىك تۆھپە مۇكاپاتى»غا، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا ئۆتكۈزگەن ھال سوراش پائالىيىتىدە «ئالاھىدە تەقدىرلەش» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «بىز شاڭخەي تىياتىرخانىسىنىڭ چوڭ سەھنىسىدە ئۈچ قېتىم ئويۇن قويدۇق»، دېدى قۇندۇز، ئۆزلىرى ئارزۇلىغان بۇ سەھنىدە ئۇلار ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئويناپ، بالىلىق مەزگىلىدىكى ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

  يۇلتۇز مۇنداق دېدى: «ئۇ ئىككى يىل ۋاقىت ناھايىتى مەنىلىك ئۆتتى، ئايلىق كىرىمىمىزمۇ 7000 - 8000 يۈەنگە يەتتى، لېكىن مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىمىز يېتەرسىز، بىلىمىمىز تىيىز دەپ ئويلايتتىم، ئۇزاقتىن بېرى كۆپ خىل مەدەنىيەت بىلەن ئۇچراشتۇق، چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن تىل بىلمىگەنلىكىمىزمۇ چوڭ توسالغۇ بولۇپ، سەل ئۈمىدسىزلەندۇق، شۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۆگىنىشنى قارار قىلدۇق».

  ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپ قوينىغا قايتىش

  ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇشنى قارار قىلدى. ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاچىسى داۋاملىق خىزمەت قىلىپ، ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ سىڭلىسىنى ئوقۇتىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن 2003 - يىلى 3 - ئايدا قۇندۇز ئىستېپا بېرىپ شىنجاڭغا قايتتى.

  «ئاپام بىزنىڭ قارارىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەتئىي قوشۇلمىدى، 2 - كۈنى ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا كېلىپ، ئاچا - سىڭىل ئىككىمىزنىڭ بىللە ئوقۇشىنى ئېيتتى»، دېدى يۇلتۇز. ئاتا - ئانىسى ئۇلارنىڭ تاللىشىغا يەنە بىر قېتىم ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنى بۇرۇنقىدەكلا قوللىدى، ھەم ئۇلارغا ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئۇسۇل بويىچە خۇشال ياشاشنى تاپىلىدى.

  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈچ ئاي ئوقۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ،جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندى، 2003 - يىلى 9 - ئايدا جېڭجۇغا بېرىپ، خۇاڭخې پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل تەييارلىقتا ئوقۇدى. ئىنگلىز تىلى بىلەن ماتېماتىكا ئۇلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلە بولدى. «باشقىلار ئىنگلىز تىلىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئۆگىنىدۇ، بىز بولساق ئالىي مەكتەپكە چىققاندا ئاندىن ئۆگەندۇق» دېدى يۇلتۇز. بىر قېتىم مۇئەللىم ئىنگلىز تىلىدا ئىسمىڭىز نېمە دەپ سورىغاندا، ئۇ چۈشىنەلمەپتۇ، ئوقۇتقۇچى خەنزۇ تىلىدا يەنە بىر قېتىم سوراپتۇ. «ئۇچاغدا خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ، بەك بىئارام بولغانىدىم. دەرستىن چۈشكەندە ئىككىمىز سىنىپتا قېلىپ بىلمىگەن يەرلەرنى ئۆگەندۇق»، دېدى يۇلتۇز.

  يۇلتۇز: «تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا، ياتاقنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، بىز دائىم كارىدوردا ئۆگىنىش قىلاتتۇق، ھېلىمۇ ئېسىمدە، ماتېماتىكا سوئاللىرىنى قەتئىي چۈشەنمەيتتىم، بەك تەس تۇيۇلغاچقا، يىغلاپ كېتەتتىم»، دېدى. بوشاشماي ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن 2004 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (ۋۇخەن) چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدى.

  ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇش

  ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ھەقىقىي جاپالىق كۈنلىرى باشلاندى، ئالىي مەكتەپتىكى تۇنجى سائەتلىك دەرستە، ئوقۇتقۇچى دەرسنى پۈتۈنلەي ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىۋېدى، قۇندۇز ھېچنېمىنى چۈشىنەلمىدى. «ئىلگىرى ئۇسسۇلدا شان - شەرەپ قۇچقانىدۇق، ئۇنىۋېرسىتېتقا كەلگەندە، سىنىپ بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا قالدۇق»، دېدى يۇلتۇز.

  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ساۋاقداشلىرىغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئادەم ئاز جايلارغا بېرىپ رادىيودا ئاڭلىتىلىۋاتقان ئىنگلىزچە پىروگراممىلارغا ئەگىشىپ يۇقىرى ئاۋازدا مەشىق قىلدى. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا يىغلىغان چاغلىرى بولسىمۇ، لېكىن مۇشۇ يولنى تاللىغان ئىكەن، جەزمەن باتۇرلۇق بىلەن مېڭىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار دەرستىن ئاۋۋال سورايدىغان سوئاللارنى يېزىۋېلىپ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇتقۇچىسىدىن سوراپ ئۆگەندى. ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بەردى، چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ھەپتە ئاخىرىدا ئۇلارغا ھەقسىز دەرس ئۆتۈپ بەردى.

  ئۈزلۈكسىز تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان پەرقى كىچىكلەشكە باشلىدى، ئارقىدىن تەڭلەشتى ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتتى. كېيىنچە ئوقۇش نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا، ئوقۇش ھەققىنىڭ يېرىمى كەچۈرۈم قىلىندى، يەنە تېخى ئوقۇش مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشتى. 2008 - يىلى ئۇلار ئەلا نەتىجە بىلەن باكلاۋۇرلۇقنى پۈتكۈزدى. ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن تىلدىن باشقا يەنە بىرەر كەسىپ ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىشتى. شۇ يىلى ئۇلار «يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى»، «پەنلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۆگەنگۈچى» سالاھىيىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىپ، ئايرىم - ئايرىم جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ بايلىق سانائىتى ئىقتىساد كەسپى ۋە بايلىق ئىنستىتۇتىنىڭ بايلىق باشقۇرۇش قۇرۇلۇشى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.

  2010 - يىلى ئۇلار جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئامېرىكىغا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئامېرىكا پارلامېنتى تارقاتقان شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى، شۇ يىلى مايدا ماگىستىرلىقتىن دوكتورلۇققا ئۆرلەپ ئوقۇش دىسسېرتاتسىيەسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇقتا ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  ئامېرىكىدا ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپلا قالماي، يەنە جامائەت پاراۋانلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى. جامائەت پاراۋانلىقى دۆلەت، ئىرق ئايرىمايدۇ، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىغا قاتناشقانلار باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق بىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى مەزگىلدە، ئۇلار بېيجىڭلىق دوستلىرى تەشكىللىگەن شىنجاڭ ئاتۇشتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. يۇلتۇز بىلەن قۇندۇز 2013 - يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، جامائەت پاراۋانلىقىغا نىسبەتەن يېڭىچە تەسىراتقا ئىگە بولۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

  مېھىر - مۇھەببەت ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتتىئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن كىچىكىدىن تولىمۇ مېھرىبان ئىدى، ئۇلار ئەسلەپ مۇنداق دېدى: كىچىك چاغلىرىمىزدا ئانىمىزغا ئەگىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر يېزىدا بىر مەزگىل تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئاشۇ چاغلاردىلا ياخشى نەرسىلەردىن باشقىلار بىلەن بولۇپمۇ ئاشۇ نامرات بالىلار بىلەن تەڭ بەھرىلىنىشنى ئۆگەنگەن.

  2013 - يىلى نويابىردا ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن تېڭشۈن جامائەت پاراۋانلىقى سۇپىسىدىن، كۇچالىق 78 ياشلىق يۇنۇس ئابلا بوۋاينىڭ 23 يىلدىن بۇيان ئېغىر مېڭە پارالىچى بولۇپ قالغان ئوغلى ياقۇپنى يۈدۈپ، مەملىكەتنىڭ جاي - جايلىرىدا قاتراپ يۈرۈپ داۋالىتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇلار بوۋايغا پۇل ئىئانە قىلىشنى ئويلىدى، لېكىن مەخسۇس تەسىس قىلىنغان «بوۋاينىڭ ئوغلىنى يۈدۈپ 20 يىل داۋالىتىشى» دەپ نام بېرىلگەن پاراۋانلىق تۈرىنىڭ يېتەرلىك پۇل ئىئانە قىلىنغاندىن كېيىن ئاخىرلاشقانلىقىنى بايقىدى. ئىزدىنىشكە ھېرىسمەن يۇلتۇز ئاخىرى يۇنۇس بوۋاي بىلەن ئالاقىلەشتى ھەم ئىئانە پۇلنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. ئۇ بۇ خىل تور جامائەت پاراۋانلىقى سۇپىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىشتە ئۈنۈملۈك ئەسقاتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن بۇ سۇپا ئارقىلىق جامائەت پاراۋانلىقى تۈرلىرىنى قانات يايدۇرماقچى بولدى.

  بۇ يىل فېۋرالدا ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار دوكتورلۇقنى پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ئىلمىي ماقالە يازغاچ بىر تەرەپتىن جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  ئۇلار بۇ يىل 27 - مارت، يورۇقلۇققا تەلپۈنۈۋاتقان قىزچاق مۇقەددەس ئۈچۈن مەخسۇس بېيجىڭدىكى تېڭشۈن فوندى جەمئىيىتىگە بېرىپ ياردەم سورىدى، فوندى جەمئىيەت ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننى قوللىدى.

  بۇ يىل مارتتا، يۇلتۇز بىلەن قۇندۇزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسىدىن ئىككىنچى تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن كادىرلار قاتارىدا ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسىغا چۈشتى. ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئاتا - ئانىسى ئارقىلىق بۇ نامرات ناھىيەدىكى بەزى ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىپ، ئاشۇ جايدىكى بالىلار ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلىدى.

  تېڭشۈن شىركىتى 2015 - يىلى 2 - ئاپرېل ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىئانە توپلاش تۈرىنى توردا رەسمىي ئېلان قىلدى. بىر كۈندە بۇ تۈرگە 480 كىشى قاتنىشىپ، 27 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىئانە پۇل يىغىلدى، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن بۇنىڭدىن توردا كوللېكتىپ ئىئانە توپلاش جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدى.

  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن مېھرىبان تورداشلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى بالىلارغا بالدۇرراق يەتكۈزۈش ئۈچۈن، توپ سېتىش بازىرىغا ئوقۇش قوراللىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ پۇلغا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش قورالى سېتىۋېلىش ئۈچۈن باھا تالىشىپ پۇلنى تېجىدى. كۆپچىلىكنىڭ بالىلار ئۈچۈن خەجلىگەن پۇللارنى نازارەت قىلىشى ئۈچۈن، سېتىۋالغان ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ھەممىسىگە تالون كەستۈرۈپ تېڭشۈن جامائەت پاراۋانلىقى سۇپىسىدا ئېلان قىلدى. ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن 10 - ئاپرېل كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلارغا 12 خىل ئوقۇش قورالى قاچىلانغان مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش سومكىسىنى تارقىتىپ بەردى.

  ئىگىلىشىمچە، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن تېڭشۈن جامائەت پاراۋانلىقى خەير - ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى، جۇڭخۇا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو 9958 بالىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش فوندى، ياخشى ياشاش خەير - ساخاۋەت سۇپىسى قاتارلىق ئاپپارات ۋە سۇپىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2015 - يىلى 2 - ئاپرېلدىن 2 - ئاۋغۇستقىچە 3217 كىشىنى ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىپ، 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىئانە توپلاپ، 644 كىشىگە ياردەم قىلغان؛ سەككىز يېزا مەكتىپىنى زىيارەت قىلىپ، توققۇز مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، مېھرىبانلىق كۇتۇپخانىسىدىن ئۈچنى تەسىس قىلغاندىن باشقا، قىيىنچىلىقى ئېغىر شىنجاڭلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھوشسىز ھالەتتىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى، مەدىنە يورۇقلۇقنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، سالامنىڭ داۋاملىق ياشىغۇسى بار، داۋاملىق ياشاڭ ئاتا 1، ئەما مۇقەددەس، داۋاملىق ياشاڭ ئاتا 2، ئېلدۇس، تېزرەك ھوشىڭىزغا كېلىڭ 1، ئېلدۇس، تېزرەك ھوشىڭىزغا كېلىڭ 2، خوتەنلىك نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزەيلى، خوتەنگە ئىللىقلىق يەتكۈزەيلى، ئەمرۇللانىڭ قولى، قوشكېزەكلەرنىڭ ئۈمىدى، ئابدۇللا، غەيرەت قىلىڭ، يۇلتۇز - قۇندۇز خەير - ساخاۋەت مېھرىبانلىق كۇتۇپخانىسى بىر - ئۈچ قاتارلىق 18 تۈرنى ئىجرا قىلغان.

  ئارزۇ − جامائەت پاراۋانلىقى فوندى قۇرۇش

  جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئاچا - سىڭىلنىڭ قەلبىدىكى مېھىر - مۇھەببەتنى تېخىمۇ يالقۇنجاتتى. ئۇلار 30 - ئىيۇندىن 5 - ئىيۇلغىچە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرىدىكى يەتتە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش سومكىسى تارقاتتى، يەنە بۇ بازاردىكى ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپتە كۇتۇپخانا قۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەرگۈزەشتىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاتا - ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا سەككىز مەيدان نۇتۇق سۆزلىدى، 13 ئائىلىگە زىيارەتكە باردى. بۇ مەزگىلدە ئۇلار 3 - ئىيۇل گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.5 بال يەر تەۋرەشنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئۇلار خوتەن «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ھال سوراش تۈرىنى ئېلان قىلىپ، ئۈندىدار، مىكروبلوگدا تۆت كۈندە 10 مىڭ يۈەن ئىئانە توپلاپ، گۇما ناھىيەسى ۋە خوتەن ناھىيەسىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، يېتىم - يېسىرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەردى. ھازىر ئۇلار تارغاباتاي ۋىلايىتىدىكى مېڭە پارالىچى بولۇپ قالغان قوشكېزەك ئاچا - ئىنىغا ئىئانە توپلاش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ.

  جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىش بىلەن بىللە، ئىئانىنى قوبۇل قىلغۇچىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا روھىي مەدەت بەرگەندە ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. قۇندۇز مۇنداق دېدى: «بىر كۈندە سومكا تارقىتىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، بالىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھېرىپ پۇتلىرىمىز ئىششىپ كېتىدۇ، بالىلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە پارلاپ، ئەڭ ئاددىي سۆزلەر بىلەن رەھمىتىنى بىلدۈرگەندە بىراقلا ھاردۇقىمىز چىقىدۇ».

  «سىنا» مىكرو بلوگدىكى «بېيجىڭدىكى شىنجاڭلىقلار» ناملىق تورداش بۇ قوشكېزەك ئاچا - سىڭىل توغرىسىدا توردا «ئۇيغۇر قوشكېزەك ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن جۇڭگو ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئارتىسىدىن جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئاخىرىدا ئامېرىكىغا بېرىپ دوكتورلۇقنى ئۇلاپ ئوقۇش جەريانىدا تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىدى!» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدى، بۇ ماقالىنى تورداشلار كۆچۈرۈپ تارقاتتى ۋە قوللىدى. ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ جامائەت پاراۋانلىقى يولىدىكى دەسلەپكى ئارزۇسى ئۆزگەرمىدى.

  زىيارەت جەريانىدا، كەلگۈسىدىكى كىشىلىك تۇرمۇش پىلانى تىلغا ئېلىنغاندا، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇلار نەچچە قېتىم سوئالىمغا ئوخشاش جاۋاب بەرگەندە، ئىختىيارسىز بىر - بىرىگە قاراپ كۈلۈپ كېتىشتى.قۇندۇز مۇنداق دېدى: جامائەت پاراۋانلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش بىزنىڭ مۇھىم ئارزۇيىمىز. بىز ئالدى بىلەن مۇۋاپىق خىزمەت تېپىپ، بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمىزگە تەۋە خەير - ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى قۇرۇشنى ئويلاۋاتىمىز. ھازىر ھەر خىل تاراتقۇلار ئارقىلىق ياردەمگە موھتاج ئاغرىقلار ۋە بالىلارنى تېپىپ، ئارقىدىن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، توردا ئۇلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق.

  ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن تاتلىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم سوئالغا ئوخشاش جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىككىمىز دوكتورلۇق بويىچە ئىلمىي ماقالە دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقلاشنى ساقلاۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشىمىز ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىدىغانلىقىمىزنى جەزملەشتۈرەلەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر