باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش «ساپ ھاۋالىق شىنجاڭ» قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس تېمىسىدا كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

2015.08.06 13:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنىڭ باغچە تۈزۈلمىسى ئورنىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم دۆلەت باغچە تۈزۈلمىسىنى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۈچ يىل نۇقتىدا سىناق قىلىش، 2017 - يىلى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش قارار قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مۇشۇ ئاساستا، «ساپ ھاۋالىق شىنجاڭ» قۇرۇش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 5 - ئاۋغۇست مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، شىمالىي شىنجاڭدا دۆلەت باغچىسى قۇرۇش توغرىسىدا ئىزدەندى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكىلەر، مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە كېڭەشتى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى ئاڭلىدى. ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنى ياخشى تەكلىپ ۋە پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش نوپۇس، بايلىق، مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ پىڭئەن ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، تارماقلار ۋە دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بايلىقلارنى ئېچىشنىڭ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش −− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە نۇقتىلىق خىزمىتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت باغچىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە، «مۇھىت ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون قۇرۇش» تۈپ فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، «ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش، «ساپ ھاۋالىق شىنجاڭ» قۇرۇش مەزمۇنىدىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈش −− تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداپ، بايلىقلارنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا؛ دۆلەت زىمىنى بوشلۇقى ۋەزىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار، نوپۇس ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا؛ مۇھاپىزەتلىك يەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ چېگرا رايوندىكى يىراق، ئېگىز، سوغۇق رايونلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكىتىمىز، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەت باغچىسى قۇرۇشنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، «ساپ ھاۋالىق شىنجاڭ» قۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىپ، پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭدا دۆلەت باغچىسى قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. نۇرلان ئابىلمەجىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش دېموكراتىك كېڭىشىشنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان، ئىتتىپاقلىشىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان سۇپىسى. كۆپچىلىكنىڭ بۇ سۇپا ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك، ئالدىن كۆرۈش خاراكتېرلىك، ئاممىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ ھەم كېڭىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا پايدىلىق. كۆپچىلىكنىڭ سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، فۇنكسىيەسى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن رىزۋان ئەبەي، ماۋكەن سېيتقامزا، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر