باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى تەھلىل قىلىندى

ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاش كېرەك

2015.08.06 13:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى 5 - ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى، يىغىندا ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى

  يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش» خىزمەت ئومۇمىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مىكرو سىياسەتنى جانلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنى تىرەك قىلىپ، تەستە قولغا كېلىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش» ئاساسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسلارنى توغرا ئىگىلەپ، «تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەيلى» تېمىسىدىكى پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتا 20 جەھەتتە 50 تۈرلۈك تەدبىرنى ۋاقتىدا تۈزدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى تەكشى، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك، قۇرۇلمىنى تەڭشەش تېز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى مۇقىم بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى تېز ئاشتى.

  ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى يەنىلا چوڭ

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادى يەنىلا بىر قەدەر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مېڭىنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ چىقىپ، سانائەت تەرەققىياتى، سېلىنمىنى كۆپەيتىش، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كېلىدىغان بېسىم ۋە خىرىسلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ساقلاپ قېلىش كېرەك.كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپجاڭ چۈنشيەن كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، «مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش» ئومۇمىي يۆنىلىشىدە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتقىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشقا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.تۆت جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكجاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:

  بىرىنچى، يېڭى نورمال ھالەتنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلىشىش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورمال ھالەتكە كىردى، بۇ بىر مۇھىم ئۆزگىرىش، بۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرى ۋە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر كۆرۈنەرلىك ھەم چوڭقۇر بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنى تولۇق تونۇشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان يېڭى نورمال ھالەت توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى نورمال ھالەتتە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يېڭى ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىلگىرىكى ئىنېرتسىيەلىك تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەپەككۇر، سىياسەت ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، قۇرۇلمىنى پائال ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، «بايلىق ئېچىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» يولىدا مېڭىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 4 - ئايدا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتا 20 جەھەتتە 50 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىپ، سىياسەتنى ماھىيەتتىن تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋەزىپە تەقسىمات تەلىپىگە ئاساسەن، نازارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇھىم سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كارخانىمۇ كارخانا تەكشۈرۈپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، سانائەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ئەۋزەللىككە ئىگىلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل، يوشۇرۇن كۈچى بار كەسىپلەر، مەھسۇلاتلار ۋە كارخانىلارنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياخشى ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك. خىزمەتتىكى ئاجىز ھالقىلارنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، ئامال قىلىپ ئاجىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك. نېفىت، نېفىت - خىمىيە قاتارلىق تېز ئۈنۈم بېرىدىغان چوڭ تۈرلەرنى ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگو نېفىت قاراماي نېفىت - خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىت - خىمىيە شىنجاڭ «يېڭى باھار» نېفىت ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلاشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى «رامكا كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت گازى مەھسۇلات مىقدارى ۋە پىششىقلاش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك نېفىت چەككىلەش كارخانىلىرىنىڭ نېفىت گازى بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، نېفىت گازىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەبلەغ سېلىشنىڭ ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش باشلاشنى پىلانلىغان تۈرلەردە بالدۇرراق ئىش باشلاش، قۇرۇلۇش باشلانغان تۈرلەردە يىللىق مەبلەغ سېلىشنى ۋە ئىش مىقدارىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەش، يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ ھەل قىلىش؛ مەبلەغ سېلىش مۇددىئاسى بار نۇقتىلىق كارخانىلارغا ياخشى ئىدىيە خىزمىتى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ بەزى مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىغا، مەبلەغ سېلىش ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىش؛ ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقىدىكى PPP تۈرىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇش؛ كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە مەبلەغ سېلىشىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كېڭەيتىش؛ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇش؛ كۆپچىلىك ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە كىشى يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، مۇلازىمەت كەسپى، ئوتتۇرا، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى سىجىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك. توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر، ساياھەت كەسپى ۋە يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، «تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان ئىش تۈرى ئەڭ ئاز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمەتتە ئەڭ ئەلا» بولۇشنى يادرو قىلىپ، ماھىيەتلىك ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ھەم بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بېجىرىپ بولۇشنى ئومۇمىيلاشتۇرۇش كېرەك.

  «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» روھى بويىچە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» روھى بويىچە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئىقتىساد خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىشى، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. مۇقىملىق خىزمىتى بىرىنچى مەسئۇلىيەت، بۇنىڭدا مەسىلە كۆرۈلسە بولمايدۇ، ئىقتىساد خىزمىتىنىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، رەھبەرلەر باش بولۇپ ئىنچىكە نۇقتىلارنى تۇتۇش، ھەقىقىي تۇتۇش، كارخانىمۇكارخانا، تۈرمۇتۈر، بىرمۇ بىر چىڭ تۇتۇش، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان ھەل قىلىپ، ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش كېرەك. تۆۋەن كىرىملىكلەر، ئىشسىزلار، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما، مېيىپلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. «دەرھال بېجىرىش» ئىستىلىنى تەشەببۇس قىلىپ، كېچىكتۈرۈش، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش قىلىش، ئەستايىدىل بولماسلىق، تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە ئىش قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راسچىل بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن خىزمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. جاڭ چۈنشيەن ھازىرقى خىزمەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش خىزمىتىنى ياخشى تەشكىللەش كېرەك. ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، بولۇپمۇ گۇمىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئۆتكۈنچى مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، قىش كىرىشتىن ئىلگىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا باشقا ئىشلارمۇ تەھلىل قىلىندى.

  يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى، چيەن جى، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، تيەن ۋېن، ليۇ جيەنشىن، يەن فېنشىن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر