باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى ئاپتوماتىك ئۇرۇق پىششىقلاپ ئىشلەش باشقۇرۇش لىنيىسى باي ناھىيەسىدە قۇرۇلدى

2015.08.04 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسىدە بۇغداي، ئۇرۇق قۇناق كۆلۈمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرى بار بولغان ئۇرۇق پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان ئۇرۇق پىششىقلاپ ئىشلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن بۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ تىيەن يۈ ئۇرۇقچىلىق كەسپىي چەكلىك شىركىتى 5 مىليۇن 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كىرگۈزگەن دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى مەركەزلەشتۈرۈپ دان ئايرىش، قاقلاپ قۇرۇتۇش، تۈجۈپلەپ تاللاش، دەرىجىگە ئايرىش، كاپسۇللاش، ئوراش بىر گەۋدىلەشكەن ئاپتوماتىك ئۇرۇق پىششىقلاپ ئىشلەش باشقۇرۇش لىنيىسى قۇرۇلۇپ، بۇ ناھىيەدىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلىرىنىڭ ئۇرۇق سېتىپ بىرىش ۋاقتى ئىلگىرىكى بىر نەچچە سائەتتىن بىر نەچچە مىنوتقا قىسقاردى. بۇ ئارقىلىق دېھقان ئائىلىلىرىفگە زور قولايلىقلار ئېلىپ كېلىندى.

  ئىگىلىنىشچە بۇ يۈرۈشلەشكەن ئاپتوماتىك ئۇرۇق پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنيىسى ئالتە پولات تاختا، بىر قۇرۇتۇش ئۆيى، تۈجۈپلەپ تاللاش ئۆيى، تېمپىراتۇرىنى كونتىرول قىلىش ئۆيى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەر بىر سائەتتە 20 توننا ئۇرۇق پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىكەن.

  شىنجاڭ تىيەن يۈ ئۇرۇقچىلىق كەسپىي چەكلىك شىركىتى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق كارخانىسى» ۋە «دۆلەتلىك ئىشىنچىلىك ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى» دىگەن نامغا ئېرىشتى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇغداي تېرىقچىلىق جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورت كىرگۈزۈلدى ۋە كېڭەيتىلدى. بۇنىڭدىن ئۇرۇققا كىيىم كىيگۈزۈش تېخنىكىسى بۇ ناھىيەدە كېڭەيتىلىپ، تۈرلۈك باكتىرىيە ۋە يەر ئاستىدىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر