باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى

2015.08.04 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ : كۇچا ناھىيەسى پەن - مائارىپ ئارقىلىق كۇچانى گۈللەندۈرۈش ئستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  بۇ ناھىيە بۇلتۇردىن بۇيان كەسپىي مائارىپقا 23 مىليون 470 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ، كەسپىي مائارىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلىدى. ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ناھىيە ئىچى - سىرتىدىكى 20 نەچچە چوڭ - ئوتتۇرا كارخانا بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئادەم ئىشلىتىش توختامى ئىمزالاپ، كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەنگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچلۈك مەدەت بەردى. ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشنى تۈپ مەقسەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، ياشلارنى ماشىنىسازلىق، كەپشەرلەش، رېمونتچىلىق، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا بىلىملىرى، باغ - ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى رېمونتچىلىقى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلىرىنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر