باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەھەر ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى

2015.08.04 15:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭىشەھەر ناھىيەسى خانئېرىق بازىرىدىكى قۇربان ياسىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ باشلىنىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. چۈنكى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا قۇربان ياسىن بوغچىسىنى ئېسىپ مەكتەپكە بارسىلا ئوقۇيالايتتى، ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا قۇربان ياسىنغا ئوخشاش شەھەر ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىدىن نەپكە ئېرىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋە باشقا خىراجەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش، نامرات ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ھەقسىز بېرىش ۋە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى. شەھەر ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى يولغا قويۇلغانلىقتىن، دېھقان - چارۋىچىلار 15 مىليارد 500 مىليون يۈەن تېجەپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شەھەر ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئاپتونوم رايونىمىزدا 2006 - يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى جامائەت مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ مېخانىزم يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يىلىغا 1250 يۈەندىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يىلىغا 1500 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت دەرسلىكى بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 90 يۈەنلىك، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 180 يۈەنلىك دەرسلىكنى ھەقسىز بېرىش؛ يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يىلدا 600 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 800 يۈەن جامائەت خىراجىتى بېرىش؛ يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە 120 يۈەندىن ئىسسىنىش ياردەم پۇلى بېرىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەرلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يىلىغا 144 يۈەن بېرىش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 196 يۈەن بېرىش ھەم دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى قوبۇل قىلغان شەھەرلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە مەركەز مالىيەسىنىڭ مۇپاكات پۇلىنى بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇش، كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ۋىلايەت ۋە ناھىيەدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك مالىيەنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون مالىيەسىنىڭ ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرگەن ھەم كاپالەت مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغان.

  ئاپتونوم رايون مالىيەسى 2010 - يىلىدىن باشلاپ، يەنە مەبلەغ سېلىپ يېزىلاردىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئەسلىدىكى تۇرمۇش تولۇقلىما پۇلى ئۆلچىمى ئاساسىدا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە بىر يۈەندىن قوشۇپ بەردى. 2011 - يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا دۆلەت ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى يەنە بىر يۈەن كۆپەيتتى، مۇشۇنداق بولغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈنلۈكى بەش يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈنلۈكى ئالتە يۈەن، بىر يىللىق ياردەم پۇلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1250 يۈەن ۋە 1500 يۈەنگە يېتىپ، دۆلەت بېكىتكەن سىياسەتتىكى ئۆلچەمدىن يۇقىرى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە دەرسلىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشنىڭ دائىرىسىنى شەھەرلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغىچە كېڭەيتتى ھەم «خەنزۇتىلى» قاتارلىق يەرلىك دەرسلىكلەر ۋە ئاساسلىق دەرسلىكلەرنىڭ مەشىق قوللانمىسىنىمۇ ھەقسىز دەرسلىكلەر دائىرىسىگە كىرگۈزدى. 2012 - يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، شەھەرلەردىكى ھەقسىز دەرسلىك ياردەم دائىرىسىنى ئەسلىدىكى %15تىن %50كە كېڭەيدى.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش راسخودى يىلسېرى ئاشتى. ئىگىلىنىشىچە، 2010 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇشقا جەمئىي 15 مىليارد 562 مىليون 310 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 2009 - يىلى سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 891 مىليون 850 مىڭ يۈەن بولۇپ، 2014 - يىلى 4 مىليارد 90 مىليون 390 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش راسخودى ھەسسىلەپ ئاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر