باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹بۇ ئائىلىگە قاراڭ›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 2–بۆلۈمى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى

2015.08.04 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30 قىسىملىق ئۆي ئىچى كومېدىيەلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹بۇ ئائىلىگە قاراڭ››نى سۈرەتكە ئېلىش 30 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئاخىرلاشتى. بۇ فىلىم قۇربان ھېيتتا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

  ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى كۆپ قىسىملىق ئۆي ئىچى تېلېۋىزىيە تىياتىرى <<بۇ ئائىلىگە قاراڭ>> تېلېۋىزوردا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلاردا ئۆي ئىچى تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرغانىدى. فىلىمدە شەھەر تۇرمۇشى، ئۇيغۇر ئائىلىسى، مىللىي ئۆرپ –ئادەتلەر ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەچكە، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

  بۇ قېتىم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ‹‹خۇيۈ تورى››، ‹‹دولان›› ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ 2 – بۆلۈمىنى 5 – مايدىن باشلاپ سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىغانىدى. فىلىمنىڭ 1 – بۆلۈمى خەنزۇچە ‹‹ئائىلىمىزدە ئوغۇل – قىزلىرىمىز بار›› فىلىمىنىڭ تەرجىمىسىگە ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەنىدى. 2 – بۆلۈمىنىڭ سېنارىيەسىنى ياش سېنارىست تۇرسۇنبەگ ياسىن 1 – بۆلۈمنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسىدا ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يازغان بولۇپ، باش رېژىسسورلۇقنى ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۈستىگە ئالغان. فىلىمنىڭ 2 – بۆلۈمى 30 قىسىم بولۇپ، ھەر بىر قىسىمنىڭ ۋاقتى 35 مىنۇتقا ئۇزارتىلغان، فىلىمدە كەسپىي ئارتىسلار كۆپرەك ئىشلىتىلگەن.

  فىلىمنىڭ باش رېژىسسورى ھەم باش رولچى ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇنداق دېدى: بۇ فىلىمنىڭ 1 – بۆلۈمى بىز تۇنجى ئىشلىگەن ئۆي ئىچى فىلىمى بولغاچقا، بەزىبىر يېتەرسىزلىكلەردىن خالىي بولالمىغانىدۇق. فىلىمنىڭ 2 – بۆلۈمىنى ئىشلەشتە كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، فىلىمنىڭ سېنارىيەسىنى يېزىشتىن تاكى فىلىمنى ئىشلەپ تۈگەتكىچە بۇرۇن سەل قارىلىپ قالغان نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق. بۇنىڭدا يەنە كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىمىزنى، ئەنئەنىمىزنى كۆپرەك گەۋدىلەندۈردۇق. ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرىنى بالىلارغا بىلدۈرۈش مەقسىتىدە يوقۇلۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرىنى فىلىمگە كىرگۈزدۇق، يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىمۇ فىلىم ئارقىلىق نامايان قىلدۇق. فىلىمنى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن، كۈنىگە 15 – 16 سائەتتىن ئىشلەپ ئۈچ ئايدا تولۇق سۈرەتكە ئېلىپ بولدۇق. بۇ فىلىمنىڭ 2 – بۆلۈمى كۆرۈرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن، بۇ فىلىمنىڭ ئاخىرىنى داۋاملىق ئىشلەش ئويىمىز بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر