باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى يىمىرىلمەس جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2015.07.31 20:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرلان ئابىلمەجىن قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن 27 - ئىيۇلدىن 30 - ئىيۇلغىچە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مىكرو، كىچىك كارخانىلار، يېزا، كەنتلەر، مەكتەپ ۋە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە باردى، يېزا - بازار دوختۇرخانىلىرى، كەنت ئاھالىلىرى مۇلازىمەت مەركىزى، ساقچى قاراۋۇلخانىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنت ئاھالىسىنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىگە قاتناشتى، مەھەللە كادىرلىرى، دېھقان - چارۋىچىلار، كەنت ساقچىلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەنت دەرىجىلىك بازا قۇرۇلۇشى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا قوش تىل مائارىپى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، يەنە قونجىراپ پورتى ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىگە بېرىپ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى سۇبيېكتلىق رولى ۋە ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىشى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامنى مۇستەھكەملەشنى كەلگۈسى پىلان ۋە ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ تەدبىرى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان يىمىرىلمەس جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. بىرى باشلامچى بولۇش، كۆپ تەرەپ تەڭ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەش ئاچقۇچ»تىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، توغرا ئېتىقاد ئارقىلىق سىقىپ چىقىرىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق چەكلەپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى رەھبىرىي كادىرلار «تۆتتە كۈچلۈك بولۇش»، «ئۈچ كۈچ» ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىگىلىشى، ياخشى ئىجرا قىلىشى ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىن كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنى يوقلىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترەتلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەرۋاقىت، ھەرجايدا سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىغا خاس ياخشى ئوبرازى ۋە ئىلغار ئىستىلىنى نامايان قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، كۈچلۈك جەڭگىۋار كوللېكتىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ئارقىلىق ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمىتىدە تېخىمۇ زور ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر