4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتنىشىۋاتقان ئالجىرىيە دۆلەتلىك مەدەنىيەت تارقىتىش مەھكىمىسى ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 30 دىن ئارتۇق ئارتىسى 30-ئىيۇل كەچ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىدا تاماشىبىنلارغا ئالجىرىيەنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇسسۇللىرىنى تەقدىم قىلدى.
ئالجىرىيە كىلاسسىك ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئالجىر ئۇسسۇلى، ئالائور ئۇسسۇلى، كابەر ئۇسسۇلى، ياستۇق ئۇسسۇلى، چىدال ئۇسسۇلى قاتارلىق 11 كىلاسسىك ئۇسسۇلدىن تەركىب تاپقان.