باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شەففېلد بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىدىكىلەر تەڭرىتاغ يىلپىز پۇتبول كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، شۆھرەت زاكىر توپ باشلاپ بەردى(1)

2015.07.28 15:42   مەنبە: خەلق تورى

شەففېلد بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىدىكىلەر تەڭرىتاغ يىلپىز پۇتبول كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، شۆھرەت زاكىر توپ باشلاپ بەردى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-چېسلا، شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئىچى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى، ئەنگلىيە شەففېلد بىرلەشمە كوماندىسى بىلەن تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىدىكىلەر دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپلا قالماي «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستىراتىگىيەسى ئاستىدىكى، مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئېشىشى ئىدى.

  ئەنگلىيە شەففېلد بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبى يۈز يىللىق تارىخىقا ئىگە كەسپىي كولۇب بولۇپ،ئىلگىرى ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ھازىر ئەنگلىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى داڭلىق كۇلۇب. بۇ قېتىم زىيارەتكە كەلگىنى شەففېلد بىرلەشمە كولۇبىدىكى 19 ياشتىن كىچىك بولغان ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەقىبى شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇتبول كەسپىي كۇلۇبى بولغان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول بىرلەشمە كولۇبى (تەڭرىتاغ يىلپىزى) ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ھازىرغىچە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ 19-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئالتە قېتىملىق غەلىبە، ئالتە قېتىملىق تەڭلىشىش، يەتتە قېتىملىق يېڭىلىش بىلەن جەمئىي 24 نومۇرغا ئېرىشىپ 9-ئورۇندا بولۇپ، نومۇر تېزىملىكى ئىچىدە ئوتتۇرىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش توپىنى تەپتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئۈرۈمچى، سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك كومىتېتنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن بىرلىكتە توپ باشلاشقا ھەمراھ بولدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·رۇسىيە «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»دا كېلەر يىلى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى دۆلەتنىڭ 459مىليون يۈەنلىك مەبلىغىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىتى
      ·2015-يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا  كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا تۇنجى قېتىم 50نەپەر پۇتبولدا ئالاھىدى…
      ·دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەر ياقتۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى …
      ·جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 110ئالىي مەكتەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىكى 400كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى، ھەقلىق دەرس تولۇق…
      ·بۇ يىل شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە 10500 ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
      ·يەنىمۇ كۆپ چەت ئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىد…
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى