باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 41-قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2015.07.24 16:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 41- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ دائىمىي كومىتېت 17- يىغىنى قارالمىلىرىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن لېيجېننىڭ گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل - يېزىق خىزمىتى نىزامى(تۈزىتىلمە لايىھەسى)»غا قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇھاجىرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زاكەن قايسانىڭ گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى(لايىھە)»غا قاراپ چىقىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئىككى «نىزام»(لايىھە)نى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ تۈزەتكەندىن كېيىن، كېيىنكى قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ يۇڭنىڭ گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، 2014- يىللىق شۇ دەرىجىلىك نەق چوت، 2015- يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق خامچوتنىڭ ئىجراسى، 2014- يىللىق ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى ۋە 2015- يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسى(2) قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئايرىم - ئايرىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا نەق چوت قارار لايىھەسى ۋە خامچوتنى تەڭشەش(2) قارار لايىھەسىنى تەستىقلاشنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇش؛ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى قاتارلىق ئالاقىدار دوكلاتلارغا قاراپ چىقىش پىكرىنى خۇلاسىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇشى قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئىچكى ئىشلار - ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى غەيرەت ئالىمنىڭ گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، يېزا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ جىجوڭنىڭ گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ «يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ <يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يۇقىرىقى ئىككى قانۇننىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىش پىكرى خۇلاسىلەنگەندىن كېيىن، ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قوشۇپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ۋەكىللەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يانىڭنىڭ گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا يولداش جۇ شىنيۈەننىڭ مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىدىن سورىغان ئىستېپانامىسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھە ۋە كادىرلارنى تەيىنلەش- قالدۇرۇش لايىھەسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما مىڭچېڭ، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، دوڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجاد سۇلتان، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر