باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى

2015.07.24 16:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سايرام كۆلىنىڭ كورېگون بېلىقى فىنلاندىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ

  ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى پەقەتلا تەرەققىي قىلمىغانىدى. 1959 – يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى يولغا قويۇلۇپ، سېلد بېلىقى، ئاق ئامۇر بېلىقى، خاپان باش بېلىق، لاققا بېلىق، كارپ بېلىقى، سېكامون بېلىقى، يېسسى بېلىقى قاتارلىق چاڭجياڭ سۇ سىستېمىسىنىڭ بېلىق تۈرلىرى كىرگۈزۈلدى. 1961 – يىلى، شىخەنزە بىلەن غۇلجا تۇنجى قېتىم كارپ بېلىقىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈردى. 1965 – يىلى شىخەنزە، قۇمۇل، كورلا لاققا بېلىق، خاپان باش بېلىق، ئاق ئامۇر بېلىقىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ بېلىقچىلىق ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلدى، ئىللىق ئېقىن سۇ، سوغۇق سۇ بېلىقچىلىقى قاتارلىقلار تەدرىجىي راۋاجلاندى. 1984 – يىلى، سۇ مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى نەتىجىسىدە، سايرام كۆلىدە بېلىق بېقىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ‹‹ئېگىز تاغ كۆلىدىكى مۆجىزە›› دەپ ئاتالدى. ‹‹سايرام كۆلى››ماركىلىق كورېگون بېلىق دۆلەتنىڭ ئورگانىك يېمەكلىكى، دەپ بېكىتىلدى ھەمدە فىلاندىيەگە ئېكسپورت قىلىندى.

  شىنجاڭ سايرام كۆلى بېلىقچىلىقى پەن – تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ جىپىڭ 25 – ئىيۇن زىيارىتىمنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىلگىرى قىسىمدا 25 يىل ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەنىكەن. جياڭ جىپىڭ 1990 – يىلى ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقاندا تۇنجى قېتىم سايرام كۆلىنى كۆرگەنىكەن. ‹‹شۇنچە چوڭ كۆلدە بېلىق تۇتىدىغانلارنىڭ، بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ يوقلۇقى، يىلدا ھېچقانچە بېلىق ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدىغانلىقى كىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇراتتى››، دېدى جاڭ جىپىڭ.

  ئاپتونوم رايونىمىز 1998 – يىلدىن 2003 – يىلغىچە ئۇدا ئالتە يىل رۇسىيەدىن چوڭ كورېگون بېلىقى ۋە ئورا كۆز كورېگون بېلىقى توخۇمىنى كىرگۈزۈپ، 14 مىليون تال بېلىجاننى سايرام كۆلىگە قويۇپ بەردى. 2002 – يىلى، چوڭ كورېگون بېلىقى تۇنجى قېتىم جۇڭگودا يېتىشتۈرۈلۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى. 2002 – يىلنىڭ ئاخىرى، سايرام كۆلىدىكى چوڭ كورېگون بېلىقلار تاۋار بېلىق كۆلىمىگە يېتىپ، 2002 – يىلى 30 توننىدىن ئارتۇق تاۋار بېلىق تۇتۇلدى.

  چېڭ شيەنيۇ ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، ئۇ بۇ يىل 1 – ئايدا شىنجاڭ سايرام كۆلى بېلىقچىلىق پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە ۋەزىپە بىلەن چۈشكەندە، باش ئىنژېنېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. چېڭ شيەنيۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇلۇغئاتا سۇ ئامبىرى، بۇلۇڭكۆل سۇ ئامبىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوغۇق سۇ بېلىق تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە، بولۇپمۇ كورېگون بېلىقىنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدۇ. سايرام كۆلى دۆلىتىمىز بويىچە كورېگون بېلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقچىلىقى كۆلىمىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە بەكمۇ ماس كېلىدۇ، چۈنكى، بىز ئەۋزەل ماددىي شارائىتقىلا ئەمەس، يەنە كەڭ بازارغا ئىگە.

  قەشقەرلىكلەرمۇ كۈندە بېلىق يېيەلەيدىغان بولدى

  قەشقەر ۋىلايەتلىك سۇچىلىق ئىدارىسى سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈن شەنلى 28 – ئىيۇن قەشقەرنىڭ بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى سۆزلىگەندە، 30 نەچچە يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: ‹‹قەشقەر شەھىرى بەشكېرەم يېزىسى دەريا ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ شۇجىسى خۇڭ جياشى 1978 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا قەشقەر شەھەرى سۇچىلىق ئىدارىسى سۇ مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىگە كېلىپ: دەريا ئورمانچىلىق مەيدانىمىز 1979 – يىلى دەريا سۇ ئامبىرىغا 50 مىڭ ئاق ئامۇر بېلىجانىنى قويۇپ بەرگەن، ھازىر بۇنىڭغا ئۈچ يىل بولدى، بىزگە ياردەملىشىپ بېلىقلارنى تۇتۇشۇپ بەرگەن بولساڭلار، دېدى. بىز بىر ھەپتە تىرىشىپ 11 توننا ئاق ئامۇر بېلىقىنى تۇتتۇق، بۇ بېلىقلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچ كىلوگىرام ئەتراپىدا كېلەتتى››.

  ‹‹ئىككىنچى كۈنى، بېلىقلار قاچىلانغان ئاپتوموبىللارنى قەشقەر شەھىرىنىڭ خەلق مەيدانىغا ھەيدەپ ئاپارغىنىمىزدا، بېلىق سېتىۋالىدىغانلار كۆپ، بېلىق ئاز بولغاچقا، بىز ئامالسىز ھەر بىر ئادەمگە بىر تالدىن بېلىق سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولدۇق››.

  بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەرنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، راك، قىسقۇچپاقا، بىكرى بېلىقى قاتارلىق سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يەنە يەرلىكتە يېتىشتۈرۈلگەن سېكامون بېلىقى، ئاق ئامۇر بېلىقى، لاققا بېلىق ۋە كارپ بېلىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بېلىق تۈرى بار، ھەر كۈنى بەش، ئالتە توننا يېڭى بېلىق قەشقەر بازىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ، قەشقەرلىكلەر كۈندە يېڭى بېلىقلارنى يېيەلەيدۇ.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بېلىقچىلىق ئىقتىسادىمۇ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. 2014 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى مىقدارى 144 مىڭ توننىغا يېتىپ، 1949 – يىلىدىكىدىن 837 ھەسسە ئاشتى؛ بېلىقچىلىق ئىقتىسادى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 443 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بېلىقچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 13 مىڭ 724 يۈەنگە يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر