باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇنىڭدىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەر ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى ئۆزلىرى لايىھىلەيدۇ

2015.07.15 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش چارىسى» توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىنى ھەر قاي ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش ئورۇنلىرى ئۆزلىرى باسىدۇ، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىغا دۆلەت گېربىنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى ئىشخانىسى باسقان ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىتىلمەيدۇ. ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسىدا گۇۋاھنامە ئىگىسىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، جىنسى، توغۇلغان ۋاقتى، يېقىندا چۈشكەن رەڭلىك سۈرىىتى، ئوقۇغان پەن، كەسىپ نامى، پەن تۈرى ياكى كەسىپ تۈرى، ئىلمىي ئۇنۋان بەرگەن ئورۇننىڭ نامى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىمزاسى، گۇۋاھنامە نومۇرى، تارقىتىلغان ۋاقىت بولۇشى كېرەك. گۇۋاھنامىدا 16 ئەرەب رەقىمىدىن تۈزۈلگەن نومۇر بىر تۇتاش قوللىنىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر