باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېتىزلىقتا ئەمگەك قاينىدى،شوق كۈيلەردىن كۆڭۈل يايرىدى

2015.07.14 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ14 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(تاھىرجان نىياز. زۇلپىيە غاپپار) 7-ئاينىڭ 11-كۈنى شايار ناھىيە تارىم يېزىسىنىڭ قەلىيەت كەنتى تەۋەسىدىكى توغراقلىق ئارىسىدىكى ۋاقىتلىق ياسالغان مەيدانغا يېزا تەۋەسىدىكى ھەرقايسى كەنتلەردىن كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت دېھقان –چارۋىچىلار ئاممىسى يىغىلغان بولۇپ،ئۇلار بۇ يەردە يېزا بۇيىچە ئۆتكۈزىلىدىغان«قىزىل قۇلۋاق لوڭقىسى»نى تالىشىش،«گۈزەل يېزا،ئىناق ماكان»تېمىسىدىكى ئەمگەك ماھارىتى مۇسابىقىسى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى ھەم بۇ پائالىيەتنى كۆرگىلى كەلگەنىدى.

  ئەمگەك ماھارىتى مۇسابىقىسى قوي قىرقىش ۋە قوناق ھۇللاش تۈرلىرى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلدى.قوي قىرقىش مۇسابىقىسىگە قەلىيەت كەنتىدىكى 10دېھقان ماھىر قاتنىشىپ،ھەر بىرى بەشتىن قوينى ھەم تېز ھەم سۈپۈتلىك قىرقىش تەلىپى بۇيىچە مۇسابىقىلەشتى.قوي قىرقىش ماھارىتى بۇ كەنتتىكى ئەزەلدىن دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللۇنۇپ كەلگەن دېھقان ماھىرلار ئۈچۈن تەس توختىمىدى.شۇنداقتىمۇ،ياسىم مەھەمەت قويلارنى سۈپەتلىك،تېز قىرقىپ چىمپىيون بولدى.بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ماھىرلار 50قوينى پاكىزە قىرقىپ بولۇپ،قوي ئىگىللىرىنى خۇشال قىلدى.

  تارىم يېزا قەلىيەت كەنتىدىن ياسىن مەھەمەت مۇنداق دېدى:«مەن چارۋىچى بولغاندىكىن قوي قىرقىشقا خېلە ماھىر.باشقىلارمۇ بوش ئەمەسكەن.مۇشۇنداق مۇسابىقىلەر بولۇپ تۇرسا ماھارىتىمىز،غەيرىتىمىز ئاشىدىكەن».

  10 مو كۆلەمدىكى قوناقلىقتا ئېلىپ بېرىلغان قوناق ھۇللاش مۇسابىقىسىگە يېزا تەۋەسىدىكى ھەر قايسى كەنتلەردىن كەلگەن 20جۈپ ئۇيغۇر،خەنزۇ ئەر-خوتۇن قاتناشتى.بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۆز-ئارا دوست ئۆتۈپ كېلىۋاتقان بىر جۈپ ئۇيغۇر،بىر جۈپ خەنزۇ ئەر-خوتۇن بىر گوروپپا بولۇپ،بۆلۈپ بېرىلگەن يەردىكى قوناقنى ھەم تېز ھەم سۈپەتلىك چۆنەك تارتىپ ئۇغۇتلاش بۇيىچە مۇسابىقىلەشتى. قەلىيەت كەنتىدىكى دېھقان مەڭسۇر ھاسان ئائىلىسى بىلەن ساڭتام كەنتىدىكى دېھقان زۇسۈنيۇڭ ئائىلىسى 20نەچچە يىللىق دوست بولۇپ،ئۇلار بۆگۈنكى قوناق ھۇللاش مۇسابىقىسىگە بىر گوروپپا بولۇپ قاتنىشىپ،زىچ ھەمكارلىشىش ئاقىلىق،باشقا گوروپپىدىكىلەرنى يەڭدى.كۆرۈرمەن ئامما مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئەتىراپىدا ئالقىش-چۇقانلىرى بىلەن ماھىرلارغا مەدەت بەردى.

  تارىم يېزا قەلىيەت كەنتىدىن مەڭسۇر ھاسان مۇنداق دېدى؛«مەن كونا خەنزۇ دوستۇم بىلەن بىرگە قوناق ھۇللاش مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ 1-بولدۇق.مۇسابىقە جەريانىدا ئەر-خوتۇن تۆتىمىزنىڭ ھەمكارلىقىمىز،ماسلىشىشىمىز ياخشى بولغاچقا،ئۇتۇپ چىقتۇق.بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۇرمۇش،ئىشلەپچىقىرىشتا زىچ ھەمكارلىشىپ،مەڭگۈلۈك ياخشى دوستلاردىن بولىمىز»

  ئەمگەك ماھارىتى مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ئەدەبىيات –سەنئەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.ھەر قايسى كەنتلەردىن كەلگەن دېھقان سەنئەت ئەتىرەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر،خەنزۇ ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان «شايار سەنىمى»،«تەنتەنە»قاتارلىق كوللىكتىپ ئۇسسۇل،سۆز ئويۇنى،خەلق ناخشىللىرى ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، بۇ خىلۋەت توغراقلىقنى جانلاندۇرىۋەتتى.پائالىيەت ئاخىرىدا ئەمگەك ماھارىتى مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار شەرەپ گۇۋاھنامىسى، شامالدۇرغۇچ قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى بىلەن مۇكاپاتلاندى.

  مەملىكەت بۇيىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار يېزا»بولغان تارىم يېزىسى شان-شەرەپنى يەنىمۇ قەدىررلەپ،بۇ يىل 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان يېزا ۋە كەتنى بىرلىك قىلغان «گۈزەل يېزا يېزا،ئىناق ماكان»تېمىسىدىكى ئورما ئورۇش،ئەمىن ئۆي سېلىش،ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىش،يول،ئورمان بەلبىغى ياساش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىتتىپاقلىق،دوستلۇق ئەمگەك مۇسابىقىللىرىنى ۋە بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ سەنئەت،مەشىرەپ پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.7-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بۇ خىل تەشۋىقات،مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن دوستلۇق ئەمگەك ماھارەت مۇسابىقىسىدىن 41 قېتىم ئېلىپ بېرىلىپ،پائالىيەتكە قاتناشقانلار 10مىڭ ئادەم(قېتىم)غا يەتتى.ئەمگەك ماھارىتى مۇسابىقىسى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىللىرىنىڭ ئەمگەك قىزغىنلىقى، يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىدامچانلىقنى ئاشۇرۇپ،ھەمكارلىقنى،دوستلۇق،ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ،ئەبەدىي ئەمىنلىك،بەختىيار تۇرمۇشنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر