- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015-يىلى روزى ھېيت كىلىش ئالدىدا، شىنجاڭدا يەرلىك يېڭى گۆشتىن 1000 توننا بازارغا سېلىنىدۇ
2015.07.14 14:24 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-چېسلا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىللىق روزى ھېيتنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھېيتلىق بازارنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ گۆش مەھسۇلاتلىرى ئىستىمال تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ سودا ئىشلىرى نازارىتى، مالىيە نازارىتى 13-ئىيۇلدىن 17-ئىيۇلغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، غۇلجا ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل، بايىنغولىن، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ 39 ناھىيە، شەھەر رايونىدا، كىلوسى 40 يۈەندىن 44 يۈەنگىچە بولغان زاپاس گۆش بازارغا سېلىنماقچى، بۇ باھا نۆۋەتتىكى ھەر قايسى جايلاردىكى يېڭى قوي گۆشىنىڭ سېتىلىش باھاسىدىن 10 يۈەندىن 15 يۈەنگىچە ئەرزان بولىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر