باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئالدىرىماي تاپشۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ

2015.07.09 15:20         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېقىندا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەڭشەش ۋە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئالدىرىماي تاپشۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان.

  ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئالدىرىماي تاپشۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنسا بولىدىغان ئوبيېكتلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، بىراق ئىشلەپچىقىرىش ياكى تىجارەت جەريانىدا قىينچىلىققا يولۇققان، خادىم قىسقارتىش ياكى خادىم قىسقارتماسلىق نىسبىتى %4 تىن تۆۋەن بولغان، بولۇپمۇ ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش، ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، مائاشنى تۆۋەنلىتىش، ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خادىم قىسقارتمىغان كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى جامائەت ئۇچۇر تۇرىدىن ماتېرىيال چۈشۈرسە بولىدىكەن. سانائەت، قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدىكى كارخانىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا، سودا ئوبوروتى ۋە باشقا مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر