باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن ئونسۇ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى

2015.07.07 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ7 -ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز راھىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن ئونسۇ ناھىيەسىدە مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈردى .

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېزا-كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ساقچىلىرى، «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپىسى ۋە مەھەللە خادىملىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىملىق خىزمىتىگە بولغان كۆز-قارىشى ۋە پىكىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

  توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇۋلاق كەنتىدە، چې جۈن گېئولوگىيە ۋە قېزىلما بايلىقى ئىدارىسىنىڭ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەنت كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمۈد قىلدى، چې جۈن يەنە كەنت يىغىن زالىدا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئېچلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن ئۇلارغا بايراملىق سالىمىنى يوللاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر