- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى قوش ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئاچتى
2015.07.06 13:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، راھىلە مۇرتىزا ،ئامانگۇل خەۋىرى: 1-ئىيۇل ، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى” كەسپتە ئەخلاقلىق بولۇش ، كەسپى تېخنىكىنى پۇختا ئىگەللەش ، ئاۋانگارت نەمۇنە بولۇش “ باش تېما قىلىنغان پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقىنى تەبرىكلەش ، 2015-يىللىق قوش ئىلغارلارنى مۇكاپاتلاش ۋە دوختۇرلار بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئاچتى .يىغىندا ، دوختۇرخانىدىكى پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى پارتىيىگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلىدى ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى تەنتەنىلىك ھالدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەردى . مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ، پارتىيە خىزمەتچىلىرى، مۇتەخەسىسلەر ۋە دوختۇرلاردىن بولۇپ 34 نەپەر كىشى تەقدىرلەندى .
ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : نۆۋەتە ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە كەسكىن رىقابەتكە ۋە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ ، شۇڭا كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ،” ئۈچتە راستچىل ، ئۈچتە تەلەپچان بولۇش “ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ، داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ ، داڭلىق دوختۇرخانا بەرپا قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر