- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۈگۈر ناھىيەسىدىكى « ئۈچ تۈرلۈك تولۇقلىما » ئالىي ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم ئوقۇغۇچىلىرىغا نەپ يەتكۈزدى
2015.07.06 13:33 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيە تەۋەسىدىكى قىيىنچىلىقى بار ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىللەرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە يېزا نوپۇسىدىكى ئالىي ، ئوتتۇرا تېخنىكۇملارغا ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا« ئۈچ تۈرلۈك تولۇقلىما » تارقىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئۇلارنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ناھىيە ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىلىدىغان تولۇقلىمىنىڭ ھەقىقىلىقى ۋە دەل جايىدا ئەمىلىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، بۈگۈر نوپۇسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايۇن ئىچىدىكى ئالىي ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرسە ھەر مەۋسۈمدە بېرىپ كېلىش يول خىراجىتى ئۈچۈن 500 يۈەن ، ئاپتۇنۇم رايۇن سىرتىدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا بارسا 1000 يۈەن تارقىتىش ؛ شەھەر ، يېزا ، بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ، ئىش ئورنىدىن قالغانلار ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ پۈتۈن كۈنلىك تۈزۈمىدىكى ئالىي تېخنىكۇمدىن يۇقىرى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرسە 2000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ئوقۇش تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش ؛ يېزا ، بازارلاردىكى غەيرى يېزا نوپۇسىدىكى « پىلانلىق تۇغۇت شەرەپ گۇۋاھنامىسى » ۋە « يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇش شەرەپ گۇۋاھنامىسى » ئالغان ئائىللەرنىڭ پەرزەنتلىرى پۈتۈن كۈنلىك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرۇس مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا كىرگەنلەرگە بىر قېتىمدىلا 3000 يۈەن ، پۈتۈن كۈنلىك تۈزۈمىدىكى ئالىي تېخنىكۇم ۋە كەسپىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرگەنلەرگە 2000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر