خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئىيۇل سائەت 15:30 مىنۇتقىچە، خوتەن گۇمىدىكى يەر تەۋرەشتە 3 ئادەم قازا قىلدى، 214 ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 17 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر. خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ سانى 225 مىڭ 790 نەپەر بولۇپ، كىلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان يەنىلا تەكشۈرۈپ دەلىللىنىۋاتىدۇ. تەڭرىتاغ تورىنىڭ گۇمىدىكى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتكەن مۇخبىرىنىڭ 5-چېسلا چۈشتىن كېيىن سائەت 20:30دە ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە قارشى تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق بۆلۈمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىكى 90 مىڭ 813 ئادەم جىددىي يۆتكىلىپ بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 48 مىڭ 655 ئېغىز ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 9573 تۇياق چارۋا ئۆلگەن، 8679 قوتان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، 153 كۆۋرۈك زىيانغا ئۇچرىغان، تاشيولنىڭ 302 پارچە ئورنىغا زىيان يەتكەن، 678 لاپاس زىيانغا ئۇچرىغان. ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى ئىشخانا قىلىنغان شۇنداقلا مەكتەپ، سەھىيە ئۆيى، ساقچىخانا قاتارلىق يەرلەردىكى ئەسلىھەلەرنىڭ 1 مىليۇن 400 مىڭ كۋادرات مېتىردىن كۆپرەك كۆلەملىك يېرى زىيانغا ئۇچرىغان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى