باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹بىر تىزىق مارجان، بىر دەستە گۈل››دەك ئۆتۈۋاتقان ساۋاقداشلار

خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ‹‹بىللە تۇرۇش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش››نى جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى چاتما خەۋەر (2)

مۇخبىرلىرىمىز ياڭ يىڭچۈن، زېڭ خۇافېڭ

2015.06.26 20:31   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

‹‹بىر تىزىق مارجان، بىر دەستە گۈل››دەك ئۆتۈۋاتقان ساۋاقداشلار

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ 4 – بىنا 109 – ياتىقىدىكى ليۇ مىڭكې 16 – ئىيۇن قادىرجان، قۇربانجان، ما فۇخەي قاتارلىق ياتاقداشلىرىنى ئەتىگەنلىك تەكرارغا چىقىمىز، دەپ ئويغاتتى. 2014 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئالتە ساۋاقداش بىر ياتاققا ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، ئۇلار ئەتىگەنلىك تەكرار، ناشتا، دەرس، چۈشلۈك، كەچلىك تاماق، كەچلىك مۇزاكىرىگە تەڭ چىقىدىغان بولدى. ليۇ مىڭكې: ‹‹ياتاقتىكى ئالتىمىز نەگىلا بارساق بىللە بارىمىز، ساۋاقداشلار بىزنى بۇلارنىڭ كىندىكى بىر دەيدۇ››، دېدى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ ھىدى مەكتەپنى بىر ئالدى

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇۋاتقان غۇلجىلىق ما فۇخەي: ‹‹ئالتىمىز ھەربىي مەشىقتە تونۇشۇپ مىجەزىمىز كېلىشىپ قالغاچقا، ياتاقداش بولۇشتىن بۇرۇنلا ئىزدىشىپ تۇراتتۇق››، دېدى.

  2014 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەكتەپ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئارىلاش ياتقۇزۇشنى سىناق قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلىش ئاساسىدا، ئۇلارنى بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ھەم مەخسۇس ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ياتاقلارنى باھالاپ تەقدىرلەش چارىسى››نى تۈزۈپ چىققان.

  ما فۇخەي: ‹‹ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىز ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا بىللە بېرىپ تىزىملاتتۇق. مەن دۇڭشياڭ مىللىتىدىن، ليۇ مىڭكې، پەن سۇنياڭ، ليۇ جىنخۇي خەنزۇ، ياتىقىمىزدىكىلەر ئۈچ مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىر ئائىلە كىشىلىرى››، دېدى.

  2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەكتەپتە مىللىي ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ياتىدىغان ياتاق 36 گە يېتىپ، %5 نى ئىگىلىگەن. مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ياتىدىغان ياخشى كەيپىياتنى يارىتىش ئۈچۈن، مەكتەپ يىل ئاخىرىدا يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە سەككىز ياتاقنى تەقدىرلىدى. قۇربانجان: ‹‹ياتىقىمىزنىڭ تەقدىرلەنگەنلىكىدىن بەك خۇشال بولدۇق! بۇ يىلمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ياخشى ياتاق بولۇشقا تىرىشىمىز››، دېدى.

  بۇ يىل 3 – ئايدا مىللىي ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش يېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ئۈچۈن، مەكتەپ ۋە فاكۇلتېتلار مەخسۇس تېمىدا سىنىپ يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىغا مىللىي، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش يېتىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، ‹‹ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىلاش يېتىش ئەھدىنامىسى››نى تۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بەس – بەستە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا ئارىلاش يېتىشنى ئىلتىماس قىلدى.

  جاۋ مىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر مەكتەپتە مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ياتىدىغان ياتاق 255 كە يېتىپ، %50 ئوقۇغۇچى ئارىلاش ياتىدىغان بولغان.

  ‹‹ئارىلاش ياتساق ياخشى بولىدىكەن››

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ 2 – بىنا 110 – ياتىقىدىكى جاۋ شياۋشۆ 16 – ئىيۇن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن پاتىمەدىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتاتتى.

  جاۋ شياۋشۆ خېجىڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇرچىنى ئازراقمۇ بىلمەيتتى. ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ئۆگىنىش نەتىجىسىدە، ئۇ ھازىر پاتىمە بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشالايدىغان بوپتۇ.

  خەنزۇ قىز جاۋ شياۋشۆ، لى شىچىن، يې مېڭچى، پاتىمە، زۇلپىيە، ئانارگۈل، ئايشەم ۋە رابىيە 110 – ياتاقتىكى ‹‹سەككىز گۈل›› ئىكەن.

  بۇ ياتاقتىكى ھەممىدىن شوخ قىز يې مېڭچى: ‹‹بىر ياتاققا ئورۇنلىشىشتىن ئىلگىرى، مەدەنىيەت، تۇرمۇش ۋە ئۆرپ – ئادىتىمىز ئوخشىمىغاچقا، بىر – بىرىمىز بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلىشىمىزدىن ئەندىشە قىلغانىدىم. بىراق، بىر ياتاققا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ياتاقداشلارنىڭ ئوچۇق – يورۇق، قىزغىن ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياتاقداشلىرىمنىڭ قىزغىن ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. ئۇيغۇرچە ئۆگىنىمەن دېسەم، ئۇلار ماڭا زېرىكمەي ئۆگەتتى››، دېدى.

  مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا ئارىلاش ياتقاندىن كېيىن، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ساۋاقداشلارنىڭمۇ خەنزۇچە سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسكەن. قەشقەرلىق پاتىمە: ‹‹بىر ياتاقتا تۇرۇۋاتقىلى ئۈچ ئاي بولدى. نەزەر دائىرىمىز كېڭەيدى، خەنزۇچىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك ئۆلچەملىك سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇق. مەكتەپنىڭ بىللە ئۆگىنىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان مۇشۇنداق ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت!››، دېدى.

  4 – بىنا 109 – ياتاقتىكى ما فۇخەي مىللىي، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ياتاقتا يېتىشتىن ئەڭ نەپ ئالغان. ما فۇخەي ‹‹قوش تىل›› تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇيدىكەن. ياتاقدىشى قۇربانجان ما فۇخەينىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ خالىس ئوقۇتقۇچىسى بولغان. قۇربانجان قاتتىق تەلەپ قويغاچقا، ما فۇخەي بۇلتۇر 12 – ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ 2 – نۆۋەتلىك ئىستۇدېنتلار ‹‹قوش تىل›› مۇسابىقىسىدە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ: ‹‹بۇ مۇكاپاتتا قۇربانجاننىڭمۇ ئۈلۈشى بار››، دېدى.

  بىر مەزگىل بىر ياتاقتا بىللە تۇرغاچقا، ھازىر بىر ياتاقتىكى قىزلار بىلەن ئوغۇللار ئوبدان چىقىشىپ قالغان، ئۇلار ئاشخانىغا بىللە بارىدىكەن، سىنىپقا تەڭ چىقىدىكەن، كەلگۈسى توغرىسىدا ئازادە پاراڭلىشىدىكەن. ھەپتە ئاخىرىدا بازارنى بىللە ئايلىنىپ، كىيىم – كېچەكلىرىنىمۇ مەسلىھەتلىشىپ سېتىۋالىدىكەن، تۇرمۇشى بەختلىك ئۆتىدىكەن.

  يې مېڭچى مۇنداق دېدى: ‹‹دەسلەپكى ئەندىشىلىرىم ئارتۇقچە ئىكەن. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا ياتسا ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. سەككىزىمىز ئوقۇش پۈتكۈزگىچە بىر ياتاقتا تۇرۇشقا كېلىشتۇق››، دېدى.

  ‹‹بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتىمىز››

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى 2 – ياتاق بىناسىنىڭ 515 – ياتىقىدىكى گۈلسەنەم كۈندىلىك خاتىرىسىگە: ‹‹تۈنۈگۈن بېشىم ئاغرىپ بىئارام بولغاندا، ما لىڭ چېكەمنى ئۇۋۇلاپ قويدى. ئۇ يەنە ماڭا تاماق ئەكىرىپ بېرىپ، ھالىمدىن ئوبدان خەۋەر ئالغاچقا، بەك تەسىرلەندىم››، دەپ يازغان.

  گۈلسەنەمنىڭ كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادىتى بولۇپ، 2014 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ياتىقىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىرمۇ بىر خاتىرىلەپ ماڭغان.

  ‹‹ئۆيۈم غۇلجىدا بولغاچقا، بۇلتۇر قۇربان ھېيتتا قايتالمىدىم. مالىڭ، لى زىپىڭ، شىڭ شيالار مېنى يالغۇزسىراپ قالمىسۇن، دەپ ياتاقتا ماڭا ھەمراھ بولدى. ئۇلار يەنە يەل – يېمىش بىلەن ساڭزا ئېلىپ كەپتۇ. مەن ياتاقتىكىلەرنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم››؛

  ‹‹2014 – يىل 10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى زۇمرەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، ياتىقىمىزدا تۇنجى قېتىم تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشى ئۆتكۈزدۇق. ياتاقتىكىلەر بۇ يىغىلىشنى يوشۇرۇنچە مەسلىھەتلىشىپ، سېتىۋالغان تورتنى قوشنا ياتاققا قويۇپ قويدۇق. كەچلىك مۇزاكىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز ئالتە ئورۇندۇقنى جۈپلەپ ئۈستەل ياساپ، تورت ۋە ئۇششاق – چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تىزىپ، زۇمرەتنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىۋەتتۇق››.

  ......

  كىچىككىنە كۈندىلىك خاتىرىگە ئۇلارنىڭ ئورتاق تۇرمۇش ھېكايىلىرى ۋە تەسىراتلىرى خاتىرىلەنگەن.

  515 – ياتاقتىكىلەر ئىناق ئۆتىدىغان بولۇپ، بەزىدە ئازراق تەگىشىپ قالسىمۇ، بىردەمدىلا ئەپلىشىپ قالىدىكەن. زۇمرەت: ‹‹تەتىل قويۇۋەتسە كۆڭلىمىز بەك يېرىم بولىدۇ. ئىككى – ئۈچ كۈن كۆرۈشمىسەك، بىر نەرسىمىز كەمدەك بىلىنىپ، تېلېفوندا كۆرۈشىمىز››، دېدى.

  ھازىر ئۇلار بىر – بىرىگە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىسىم قويۇۋالغان بولۇپ، ما لىڭنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى گۈزەلنۇر، لى زىپىڭنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئاينۇر، شېڭ شيانىڭ ئايگۈل، گۈل سەنەمنىڭ خەنزۇچە ئىسمى لىڭ ۋىي، خانزۆھرەنىڭ يا جىڭ، زۇمرەتنىڭ مىڭ جيې ئىكەن.

  شېڭ شيا گەنسۇلۇق بولۇپ، نان، قوي گۆشى ۋە لەغمەن يەپ كۆنمىگەن. ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ياتاقتا تۇرغاندىن كېيىن شېڭ شيا دائىم گۈلسەنەم، خانزۆھرە، زۇمرەتلەر بىلەن بىللە تاماق يەپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قوي گۆشى بىلەن لەغمەنگە ئامراق بولۇپ قالغان، نان شېڭ شيا ھەمىشە يەيدىغان ئۇششاق يېمەكلىككە ئايلانغان. گۈلسەنەم، خانزۆھرە ۋە زۇمرەت كالا گۆشى قوشۇلغان گۈرۈچ ئۇنى قورۇمىسىغا ئامراق بولۇپ قالغان.

  پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا بېرىش – كېلىش قىلىش، بىر ياتاقتا تۇرۇش ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزئارا چۈشىنىش پۇرسىتى ۋە ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرىدىن كەلگەن ليۇ جىنخۇي مۇنداق دېدى: مەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ياتاقداش بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتىم. ئۇيغۇر ساۋاقداشلار بىلەن بىللە تۇرۇش جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئۆرپ – ئادەتلىرىنى خېلىلا چۈشىنىپ قالدىم. گەنسۇغا قايتقاندا يۇرتداشلارغا ھەقىقىي شىنجاڭنى ھەم ئاددىي – ساددا ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىمنى ئېنىق تونۇشتۇرىمەن.

  خانزۆھرە: بىز ھازىر پاراڭلاشساق ‹‹سەن، مەن›› دېمەي، ‹‹بىز، بىزنىڭ ئۆيىمىز›› دەيدىغان بولدۇق. بىزنى ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى دېسە بولىدۇ. بىز بىللە بولساق ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز، دېدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى: ئاسپرانتلار ئوقۇشنى ئۈچ يىل توختىتىپ ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ
      ·2015- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
      ·ئۆزبېكىستاندا 1400 كىلوگىرامدەك تۈرلۈك زەھەرلىك بۇيۇم كۆيدۈرۈلدى
      ·بېيجىڭدا يەنە 39 قانۇنسىز مەكتەپ بايقالدى
      ·ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-ئىيۇن باشلىنىدۇ،2015-يىل…
      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ