باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسى 2015-يىللىق «مۇزات دەرياسى» نامرات ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەش ئوقۇش ياردىمى ئۈچۈن 1 مىليۇن يۈەن ئاجراتتى

2015.06.26 08:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلدى: باي ناھىيەسى يولغا قويغان «مۇزات دەرياسى» نامراتلارنى يۆلەش مائارىپ فوندى ناھىيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلان فېرىگىراممىسى (2010-2020)»نىڭ روھى بويىچە، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان موھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى بولۇپ، بۇنىڭغا كېتىدىغان مەبلەغنى ناھىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ ۋە جەمىيەتنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ غەملەپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى.

  بۇ يىل، باي ناھىيەسى داۋاملىق تۈردە «مۇزات دەرياسى» نامرات ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەش مائارىپ فوندىسىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، «مۇزات دەرياسى» نامرات ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەش مائارىپ فوندىسى ئوبيىكتىنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، نوپۇسى مۇشۇ ناھىيەدە بولغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئىمتىھان ئارقىلىق ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەخسۇس كۇرسقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغىچە كېڭەيتىپ، ياردەم ئۆلچىمىنى 5000 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە قىلىپ بىكىتتى.

  2015-يىلى باي ناھىيەسىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى سانى 1187 نەپەر، مۆلچەرلىنىشچە تارقىتىلىدىغان ئوقۇش ياردىمى مەبلىغى 1 مىليۇن يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ تۈر مەبلىغى ئاجىرىتىلىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئالدىدان تۇرماقتا. تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىزمەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر