باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سەييارە لىكسىيە پائالىيىتى ئاممىغا بولغان تەلىم-تەربىيەنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

2015.06.26 08:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ25 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلدى: كەڭ كادىرلار ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»كە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىننىي ئەسەبىي ئىدىيىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئوموميۈزلۈك چەكلەش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن باي ناھىيە سايرام بازىرىغا چۈشكەن 2-تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەتىرىتى بىلەن سايرام بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەتراپلىق كېڭىشىپ، بازار تەۋەسىدىكى نوتۇق سۆزلەش ماھارىتى يۇقىرى، نەزەريىۋى بىلىمى چوڭقۇر، ئەمەلىي تەجىربىسى مول بولغان كادىرلار، دىننىي زاتلار، دېھقانلار ۋە ئەينى چاغدا ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگۈرۈپ، ئىپادىسى ياخشى بولغانلار ئىچىدىن قايتا-قايتا تاللاش ئارقىلىق ئالتە ئادەمنى تەشكىللەپ، مەخسۇس لىكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ، سەييارە لىكسىيە سۆزلەش تەلىم-تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ سەييارە لىكسىيە پائالىيىتى-بازاردىكى 15 كەنت، بىر چارۋا مەيدان، ئورگان، ھەرقايسى فونكىت، يەككە تىجارەتچىلەر، بازار تەۋەلىكىدە تۇرىۋاتقان كۆچمە نوپۇسلارنى يۈز تۇرانە تەلىم-تەربىيىگە ئېگە قىلىش مەقسەت قىلىقنغان بولۇپ، سەييارە لىكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى باشلانغان بىر ئايدىن بۇيان، 16 مەيدان لىكسىيە سۆزلىنىپ، 12 مىڭ 400 ئادەمنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى. بۇ قېتىمقى لىكسىيەنىڭ قاپلىنىش دائىرسى بىرقەدەر كەڭ، قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۆپ بولۇپ، يېزا تەۋەسىدىكى كادىرلار، ئامما ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنى دىننىي ئەسەبىيلىكنىڭ غالجىر ئۆسمە ئىكەنلىكىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرلۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ خاسىيىتىگە بولغان تونۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ياراملىق ئاتا-ئانا، جەمىئىيەتتە لاياقەتلىك پۇقرا بولۇپ چىقىشىدا موھىم رول ئوينىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر