خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى،فوتوسى)6-ئاينىڭ 17-كۈنى كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا ناھىيەدە« ئەخلاق ئۈلگىلىرى ئاساسىي قاتلامدا»سەييارە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى،بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە لىكسىيە سۆزلەش ئۆمىگىدىكى ئالتە نەپەر يولداش ئەخلاق نەمۇنچىلىرىنىڭ تەسىرلىك ئىش –ئىزلىرىدىن كۆپچىلىككە دوكلات بەردى.
سۈرەتتە:پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى