باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاناس ئايرودۇرۇمىدا 10-ئىيۇندىن باشلاپ ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

2015.06.15 10:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ قاناس ئايرودۇرۇمىدا 10-ئىيۇندىن باشلاپ ئاۋىياتسىيە قاتنىشى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى، تىيەنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى مەزكۇر لىنىيەدە قاتناشقا باشلىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 15-ئىيۇن ئۈرۈمچى-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئەڭ تۆۋەن باھالىق بېلەت تەخمىنەن 800 يۈەن (باج ھەققى ئىچىگە ئېلىنمايدىكەن) بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، قاناس ئايرودۇرۇمى پەسىل خاراكتېرلىك ساياھەت ئايرودۇرۇمى بولۇپ، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 482 كىلومېتىر، ئالتاي ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 96 كىلومېتىر، شىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى قاناس مەنزىرە ساياھەت رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 68 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  قاناس ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى-قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق قاناس مەنزىرە ساياھەت رايونىغا بارماقچى بولغان ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان ئارقىلىق ئالتايغا بېرىپ، ئاندىن تاشيول قاتنىشى ئارقىلىق ئۈچ سائەت يول يۈرۈپ كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بارىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر