باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ تۈرى دۇنيا بانكىسىنىڭ قەرز پۇلىغا ئېرىشتى

2015.06.15 10:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى يېقىندا، مۇدىرىيەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپىي مائارىپ تۈرىگە 50 مىليون دوللار قەرز پۇل بېرىشنى تەستىقلىغان، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 48 مىڭ 500 ياشنىڭ كەسىپ – تېخنىكا ئۆگىنىش شارائىتىنى ياخشىلايدىكەن ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز كەسپىي مائارىپقا جەمئىي 558 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا بانكىسىدىن بېرىلگەن قەرز پۇل %56نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ تۈر كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە ئەمەلىيلىشىدىكەن، بۇ تۈرگە چېتىلىدىغان مەكتەپلەر: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىي مەكتىپىدىن ئىبارەت ئىكەن. بۇ تۈر مەكتەپ – كارخانا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىدارغا ئاساسەن دەرسلىك تۈزۈش، ئىلگىرىكى ئوقۇتقۇچىنى مەركەز قىلغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى ئوقۇغۇچىنى مەركەز قىلغان ئوقۇتۇش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىش، ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تۈرىنىڭ نىشانى بەش كەسپىي ئىنستىتۇت (مەكتەپ) ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەمگەكچى بازىرى ئېھتىياجلىق بولغان كەسپىي تېخنىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ تۈر يولغا قويۇلسا، بۇنىڭدىن 48 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىدۇ، كۆپ قىسمى يېزا نوپۇسىدىكى ۋە نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى %44نى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېھقانلار ۋە شەھەردىكى ئىشلەمچىلەر قىسقا مۇددەت تەربىيەلىنىپ، ئۆز رايونىدىكى مەھەللە ۋە كارخانىلار ئۈچۈن تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر