باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پاتىگۈل تۇردى: ياخشى سىياسەتتىن كۈنلىرىم گۈلدەك ئۆتمەكتە

2015.06.11 19:16   مەنبە: خەلق تورى

پاتىگۈل تۇردى: ياخشى سىياسەتتىن كۈنلىرىم گۈلدەك ئۆتمەكتە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) 11 – ماي كۇچا ناھىيەسى كونا شەھەر رايونى ئىگىلىك تىكلەش بازىسى «رىشتە» كەشتىچىلىك، تىككۈچىلىك ئورنىنىڭ خوجايىنى پاتىگۈل تۇردى سەل ئالدىراش بولۇپ قالدى. ئەتىگەن سائەت توققۇزدىلا ئۇ يولدىشى ھەيدىگەن ماشىنىدا كۇچا ناھىيەسىنىڭ «شىنتيەندى» ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق مېيىپ قىزچاق نازىگۈل ئىمىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئالدىنقى ھەپتە بۇيرۇلغان كەشتىلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ماڭدى. ئاندىن يېڭى بازار تەرەپتىكى ئايشەمگۈل ھاشىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تىكىپ بولغان كەشتىلەرنى ئېلىۋالدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە ئەر – خوتۇن ئىككەيلەن 16 ئۆيگە بېرىپ، ئۆزلىرى بۇيرۇتقان كەشتىلەرنى يىغىپ كەلدى. ئاندىن ئۇدۇل تىككۈچىلىك ئورنىغا قايتىپ كېلىپ، تىككەن كەشتىلەرنى ھەرقايسى تىككۈچىلەرگە بۆلۈپ بەردى. تىككۈچىلەر گۈل شەكىللىرى بويىچە ھەرقايسى پاسۇندىكى كىيىملەرنى تىكىشنى باشلىۋەتتى.

  پاتىگۈل تۇردىنى كىم دېيىشىڭلار مۈمكىن، ئۇ بىر مېيىپ ئايال، لېكىن مېيىپلار ئۈچۈن ھەرۋاقىت خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۈلگە بولىۋاتقان ئايال. پاتىگۈل تۇردى ھازىر كۇچا ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» تۈرى بويىچە كۆپ قېتىم بويىچە «بېيىش باشلامچىسى»، «ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئىگە بولغان.

  1989 – يىلى ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن پاتىگۈل تۇردى كىچىكىدىن ئاپىسىدىن قىزىقىپ ئۆگەنگەن كەشتىچىلىك، تىككۈچىلىكنى كەسىپ قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاتا – ئانىسىنىڭ ياردىمىدە كىچىك بىر دۇكان ئېچىپ تىجارىتىنى باشلىۋالدى.

  ـــ ئۆزۈم مېيىپ بولغاچقا مېيىپلارغا بىر چىقىش يولى تېپىپ بېرىشنى ئاساسىي مەقسەد قىلدىم. ھازىرغىچە ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن 300 دەك شاگىرت تەربىيىلىدىم، ئۇلارنىڭ 85 نەپىرى مېيىپ،- دېدى پاتىگۈل تۇردى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا ماڭا.

  تۆت يېشىدىكى بىر قېتىملىق سوغۇق تەككۈزۈۋېلىشتا بەك قىزىپ كەتكەن پاتىگۈل تۇردىنى ئاتا – ئانىسى دوختۇرخا ئاپارغاندا دوختۇر بالىلار پارالېچ كېسىىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنۇز قويۇپ سېلىنغان بىر ئوكۇل ئۇنى مەڭگۈلۈك مېيىپ قىلىپ قويىدۇ. باشلانغۇچنىڭ 5 – يىللىقىدىن باشلاپ پاتىگۈل تۇردى ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈچۈن كېچە – كېچىلەپ كەشتە تىكىۋاتقان ئاپىسىنىڭ تىككەن ھەرخىل چىرايلىق گۈل كەشتىلىرىگە ياردەملىشىشكە باشلايدۇ. ئۆگەنگۈچە نۇرغۇن قېتىم قولىغا يىڭنە تىقىۋالىدۇ، نۇرغۇن ئاغرىق ئازابلىرىغا چىداپ ئۇ ئاخىر ئۆز ئالدىغا كەشتە تىكەلەيدىغان سەۋىيىگە يېتىدۇ.

  2012 – يىلى پاتىگۈل تۇردى كۇچا ناھىيەسى يېڭىدىن قۇرغان كونا شەھەر رايونى ئىگىلىك تىكلەش بازىسىغا كۆچۈپ كېلىدۇ، يېڭىدىن 200 مىڭ يۈەنلىك ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ، كارخانىسىنى ئۈسكۈنىلىرى خىل كارخانىغا ئۆزگەرتىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا مېيىپلارنى قوللاش تۈر مەبلىغىدىن 100 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ بېرىدۇ، تىرىشچانلىقىغا 60 مىڭ يۈەن مۇكاپات سوممىسى بېرىدۇ.

  پاتىگۈل تۇردى نۇرغۇن مېيىپ كەشتىچىلەرنىڭ كېلىپ كېتىشىدە قىيىنچىلىق بارلىقىنى بىلگەچكە ئۇلارغا كەچتىنى ئۆيىدە تىكىشىنى، ئۆزىنىڭ بېرىپ ئېلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلار بىلەن توختام تۈزىدۇ. ھەمدە قىلغان ئىشىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %80 بويىچە ئۇلارغا ھەق بېرىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆيىدە بىكار ئولتۇرغىچە ھەرئايدا ئۆز ھالال ئەمگىكى بىلەن كىرگەن 2 مىڭ يۈەنگىچە بولغان پۇلدىن خۇشال بولۇپ پاتىگۈل تۇردىغا ھەرۋاق ھەمدەم بولۇشىدۇ.

  ـــ شۇ چاغدا ھۆكۈمەت ماڭا بۇ دۇكاننى ئۈچ يىلغىچە ھەقسىز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا شۇنداق خۇشال بولدۇم. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مېنى قوللىغانلىقىغا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت ئېيتىمەن،- دېدى پاتىگۈل تۇردى،- پارتىيە، ھۆكۈمەت مېنى بۇنداق قوللاۋاتسا مەنمۇ بىر چوڭراق ئىش قىلمىسام بولمايدۇ دەپ مەبلەغ سالدىم، ئاندىن توققۇز مېيىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە نەپەر تىككۈچىنى، 22 نەپەر كەشتىچىنى قوبۇل قىلدىم، تەربىيىلىدىم،- دېدى پاتىگۈل تۇردى،- نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاياللىرىمىزدا تۇيۇقسىزلا قارا كىيىم كىيىدىغان، يۈز، بەدەنلىرىنى ئورايدىغان ئىش ئەۋىج ئېلىپ كەتتى. نۇرغۇن كىيىملىرىم بېسىلىپ قالدى، نۇرغۇن ئاياللار ماڭا ئۇزۇن كىيىملەرنى تىكىپ بېرىشنى دىگەندە مەن ئۇنىمىدىم، چۈنكى ئادەم يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشى، قالاقلىققا قايتماسلىقى كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن خىزمەت قىلىش بىلەن بۇ ئەھۋال ھازىر ئوڭشالدى، زامانىۋى كىيىملەرنى بۇيرۇتىدىغانلار كۆپەيدى، مېنىڭچە جىلباپ دىگەندەك ئۇنداق كىيىملەر بىزنىڭ ھەقىقىي مىللەتكە خاس كىيىملىرىمىز ئەمەس، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزىگە يارىشىملىق، ھەرخىل گۈل كەشتىلىرى چۈشۈرۈلگەن، زامانىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، خاسلىقىنى، ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلىش كېرەك.

  ـــ كىچىكىمدىن گۈزەللىكنى سۆيگەچكە، گەرچە ئىشىمنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن، بازىرى بەك زور بولۇپ كەتمىسىمۇ لېكىن كەشتىچىلىكنى پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن قىلىمەن. ھازىر ئاقسۇدا سېتىش نۇقتىمىز بار، كۇچا ناھىيە بازىرىدىمۇ سېتىش نۇقتىمىز بار، كەشتىچىلىك ئاساسەن قولدا بولغاچقا ھەر ئايلىق مەھسۇلاتىمىز 70 يۈرۈش كىيىمدىن ئاشمايدۇ، ھەر خىل پاسۇندىكى كىيىملەردىن 400 يۈرۈشكە يېقىننى چىقىرىمىز. مەھسۇلاتىمىز بەك كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن بۇ بىر شەرەپلىك خىزمەت، مېيىپ ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىدىغان سورۇنى،- دېدى پاتىگۈل تۇردى ماڭا،- ئايلىق كىرىمىمىز 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، لېكىن بۇنىڭ كۆپىنچىسىنى ئىشداشلىرىمغا تارقىتىمەن. چۈنكى ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن مېيىپ ياشلار پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدىكى مېنىڭ بۇ سەھنەم ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ئىچ – ئىچىمدىن خۇشال بولىمەن.

  ـــ قانداق ئارزۇ – ئارمانلىرىڭىز بار؟

  ـــ كىچىكىمدىن رەسىم سىزىشقا ئامراق بولغاچقا، ھازىرقى نۇرغۇن پاسۇندىكى كىيىملەرنى ئاساسەن ئۆزۈم سىزىپ لايىھىلىگەن، كومپىيوتۇردا سىزىپ لايىھىلەشنى بىر ئۆگەنگۈم بارتى، شۇنداق بولسا ھەم تېخىمۇ چىرايلىق كىيىملەرنى تىكەلەتتىم، ھەم ئىش ئۈنىمۇ ئۆسۈپ، كىرىمىمىز ئاشاتتى. يېڭى سىياسەتلەرنىڭ ياردىمىدە ئىشلىرىم ياخشى بولسا مېنىڭ يەنە ئۇرۇمچىدە سېتىش نۇقتىسى ئاچقۇم، خىزمەتچىلەرنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكىرىگە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تەرەققىي قىلغۇم بار، يەنە تېخى مېيىپلارنى مەخسۇس تەربىيىلەيدىغان كەسپىي مەكتەپ ئاچسام، ئۇلارغا تېخىمۇ زور چىقىش يولى تېپىپ بەرسەم دەيمەن،- دېدى پاتىگۈل تۇردى،- بۇ يىل 42 ياشقا كىردىم، بىر بالام بار، يولدۇشۇممۇ مېنى شۇنداق قوللايدۇ، ياردەم قىلىدۇ، ئائىلەمدىن ناھايىتى رازىمەن. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى ياردىمىدە مېنىڭ تۇرمۇشۇم گۈلدەك ئۆتمەكتە.

  سۈرەتتە: پاتىگۈل تۇردى ئىشداشلىرىغا گۈل كەشتىلەشنى ئۆگەتمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭدىكى 23 نەپەر مېيىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلىندى 
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
      ·شىنجاڭ 24-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىدۇ، 26-ئىيۇن ئەتراپىدا ھەر قايسى تۈركۈمنىڭ…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7-ئىيۇن باشلىنىدۇ، 9مىليون420مىڭ ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان
      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…