باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئاسانلاشتۇردى

2015.06.11 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنى 11 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئاسانلىق ياراتتى.

  بۇ يىل كىرگندىن بۇيان كۇچا ناھىيەسى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بېرىش ئارقىلىق مېيىپلارنى قۇربى يەتكەن ھۈنەر – كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ مېيىپلارنى ئەمەلىي قوللىنىدىغان تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنى قۇرۇپ، 114 مېيىپنى ھەقسىز تەربىيەلىدى؛ زاۋۇت، كان – كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، 22مېيىپقا ئىش تېپىپ بەردى؛ 59 مېيىپنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بەردى؛ مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تۈر مەبلىغى، سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان مېيىپلارنىڭ سەۋەبسىز ئىشتىن قالدۇرۇلۇشىنى چەكلىدى. بۇ يىل بۇ ناھىيەدە مېيىپلاردىن 168 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر