- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۈگۈر ناھىيەسىدە يازلىق ئاشلىقتىن مول – ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى
2015.06.11 15:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنى 11 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسى بۇ يىل تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى زور دەرىجىدە تەڭشەپ ، دېھقانلارنى ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىقا سەپەرۋەر قىلىپ ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىش ، پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكتىن ، يازلىق ئاشلىقتىن مول – ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى .
بۈگۈر ناھىيەسى بۇ يىل پاختا كۆلىمىنى تىزگىنلەپ ، يازلىق ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنى 207 مىڭ 500 موغا يەتكۈزۈپ ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 77 مىڭ 200 مو ئاشۇرۇپ ، ئەلا سورتلار بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %95 كە يەتكۈزۈپ ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان ئىدى . دېھقانلار ناھىيە ، يېزا - بازار ۋە كەنتلەردىكى دېھقانچىلىق تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن يېقىندىن ياردەم بېرىشى ۋە يۇقىرى ئۈنىمدە تېرىچىلىق قىلىش ئەندىزىسىنى پائال تۈردە يولغا قۇيۇشى ئارقىسىدا ، بۇغدايلارنى تېرىش ، مايسىللىرىنى پەرۋىش قىلىش ، تۈرلىك كېسەللىكلەر ۋە زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەنلىكتىن ، بۇغداي مايسىللىرى بولۇق ئۆسۈپ كىشىنى خوشال قىلدى . يېقىندا ، ناھىيەدىكى ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئورۇنلىرىنىڭ ئارىلاپ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرىشىدىن مەلۇم بولىشىچە ، بۇ يىلقى يازلىق ئاشلىق مەھسۇلاتى 69 مىڭ توننىغا يېتىپ ، بىرلىك ئوتتۇرچە ھوسۇلى 332.53 كېلۇگىرامغا يېتىپ ، ئومۇمىي ھوسۇلى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 25 مىڭ توننا ، ئوتتۇرچە بىرلىك ھوسۇلى 120.48 كېلۇگىرام ئېشىشنى مۇقىملاشتۇردى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر