باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ۋوگزالى 2015-يىللىق يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈتىۋالدى

بۇ يىل يازدا 35مىڭ ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭغا قايتىدۇ

2015.06.11 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنى 11 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 43مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى 2015-يىللىق يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈتىۋالدى. بۇ كۈنى931 نەپەر ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇلانىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توشۇش تەشكىللەش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.

  ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇنجى تۈركۈمدە يۇرتىغا قايتقان ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسەن بېيجىڭ، شاڭخەي، شۈيجۇ، چاڭچۈن قاتارلىق جايلاردىن كېلىدىكەن. 2015 - يىلى ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىش يۇقىرى دولقۇنى 10 - ئىيۇندىن 14-ئىيۇنغىچە ۋە 7 - ئىيۇلدىن، 12 –ئىيۇلغىچە بولغان ئىككى ۋاقىتقا مەركەزلىشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 10-ئىيۇندىن 14-ئىيۇنغىچە شىنجاڭغا قايتىپ كېلىدىغان ئىچكىرىدكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 19مىڭدىن ئېشىپ ،كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يولۇچىلار ئېقىمى سانى 3950 كىشى ئەتراپىدا بولىدىكەن، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يەنە پويىز ئالماشتۇرۇپ قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا، بېيتۇن قاتارلىق جايلارغا بارىدىكەن.

  11-ئىيۇن، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ئىچكىرىدكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدىكى يۇرتىغا قايتىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ ستاتىكىسىغا ئاساسلانغاندا 11 – ئىيۇن ئىچكىرىدكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىش سانى 7547 گە يېتىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر