باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدىن 90نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلماقچى

2015.06.10 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنى 10-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بېكىتىلدى، ئىككى مەكتەپ جەمئىي 90 ئادەم قوبۇل قىلماقچى، بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 36 نەپەر، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 54نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. بىراق، ئەڭ ئاخىرقى قوبۇل قىلىش سانى ۋە كەسپىي پىلانى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئېلان قىلغان سان ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  9-ئىيۇن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى رۇەن دۇڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2015-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دەسلەپكى پىلانىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى بۇلتۇرقىدىن 1 ئادەم كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي پەن3 نەپەر ئوقۇغۇچى، تەبىئىي پەن 33 نەپەر ئوقۇغۇچى.

  دەسلەپكى بېكىتىلگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كەسپىدە، ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كەسپىدىن ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە ( خەلقئارالىق سىنىپ)، قانۇنشۇناسلىق بار. تەبىئىي پەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كەسپىدىن بىناكارلىق ئىلمى (شەھەر - يېزا يىرىك پىلانى)بار، ياغاچ - تاش قۇرۇلۇشى، سۇ قۇرۇلۇشى ۋە سۇ ئېلېكتر قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەخمىنەن 20 دىن ئارتۇق كەسپىي بار.

  رۇەن دۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 12 - ئىيۇن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭدا ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان يازما ئىمتىھانى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، كىيىنكى باسقۇچلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا، قوبۇل قىلىش پىلانىنى شىنجاڭدا كۆپەيتىشتە ئۈمۈد بار ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر