- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كۇچا ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرۈتكە بولدى
2015.06.09 10:45 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇردىن بۇيان « ئاشلىق كۆلۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ، كېۋەز كۆلىمىنى تەڭشەش ، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىپ ، چارۋۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ، 3 - كەسپكە يار - يۆلەك بۇلۇپ ، كىرىم يارىتىشنى تۇتۇش » خىزمەت پىكىر يۇلىدا چىڭ تۇرۇپ ، « يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ، كىرىمنى كۆپەيتىش سىتىراتىگىيىسى » نى زور كۈچ بىلەن يولغا قۇيۇپ ، « كېمەيتىش ، چىكندۈرۈش ، ئايلاندۇرۇش ، ئۆزگەرتىش ، تۈزەش ، كاپالەتلەندۈرۈش » تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمىلىيلەشتۈرۈپ ، مەبلەغ ، تېخنىكا ، ئىقتىساسلىقلار ، باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارغا مۇجەسسەملىنىشكە زور كۈچ بىلەن يىتەكلەپ ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ، يىتەكچى كەسىپلەرنى زورايتىپ ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇپ ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، يېزا ئىگىلىكىنى سىجىل ئىمكانىيەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى . بۇنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن نۆۋەتتە ، پۈتۈن ناھىيىنىڭ بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 320 مىڭ موغا ، كېۋەز كۆلىمى 780 مىڭ موغا ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىگى 29 مىڭ موغا ، سېتىپ چىقىرىلغان چارۋا ، ئۆي قۇشلىرى 735 مىڭ 900 تۇياق ( دانە ) گە يېتىپ ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر