باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى

2015.06.09 10:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ : كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ مەدەت بېرىشنى كۈچەيتتى.

  ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ناھىيەلىك ئىقتىساد - ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى ئۇچا بازىرىدىكى سوپۇن زاۋۇتى، ئۆزگۈل سوغۇق يېمەكلىكلىرى، ئىشخىلا بازىرىدىكى ھاك زاۋۇتى، يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قاتارلىق 12 كىچىك، مىكرو كارخانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر