باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈر ناھىيەسى يېرىدىن ئايرىلغان ئاممىغا ياشانغاندا بېقىنىش پۇلى تارقاتتى

2015.06.09 10:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ8 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر قۇرۇلىشىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ، ناھىيە بازىرى ئەتىاپىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆي ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى شەھەر قۇرۇلىشىغا چىقىپ كېتىپ ، ئۆي ۋە يېرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى .

  ناھىيە بۇ خىل ئەھۋالغا ئاساسەن « شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش نىزامنامىسى » غا ئاساسەن ، يەرلىرى ۋە ئۆيلىرى شەھەر قۇرۇلىشىغا چىقىپ كەتكەن قىزىل ، مەتە ، ياقىباغ ۋە يىغىنباغ كەنتلىرىدىكى 320 ئائىلە ، 1265 نەپەر كىشىنى ھەقىقى ئېنىقلاپ چىقىپ ، ئىجتىمائىي كاپالەت سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن قىلىش ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ئۈنىملىك ھەل قىلغان ئىدى . يېقىندا يەنە قىزىل قاتارلىق تۆت كەنتتىكى يېشى بىرقەدەر چوڭ ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن ، كەسپىي تېخنىكا ئىقتىدارى كەمچىل ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قىيىنچىلىق دەرىجىسى چوڭ بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئۆي ۋە يېرىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنى دەم ئېلىشقا چىقىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىپ ، ناھىيە مالىيەسىدىن 1 مىليۇن 320 مىڭ 600 يۈەن ئۈيى چېقىلىش مەبلىغى تارقىتىپ ، ئۇلارنىڭ ياشانغاندا بېقىنىش سوغۇرتىسىدىن مەنپەئەتلىنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەتىنى كۈچلىك قوغدىدى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر