باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە 5-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەرلەرنىڭ «قوش تىل» ئىقتىدارىنى سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2015.06.05 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: باي ناھىيەسى «قوش تىل» مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ «قوش تىل» ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، «قوش تىل» مائارىپى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، 2-ئىيۇن 5-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ «قوش تىل» ئىقتىدارىنى سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەدىكى ھەر قايسى بالىلار يەسلىسى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن 127 نەپەر خەنزۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى ئۆسمۈرلەرنىڭ «قوش تىل» مۇسابىقىسىنى ناھىيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ۋېنجۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بىرىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلامچىلىقىدا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيەلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىو، كىنو، تېلىۋىزىيە ئىدارىسى، ناھىيەلىك مىللەت دىن ئىشلىرى كومتىتى ئۈستىگە ئېلىپ، ناھىيەلىك رادىو تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى باي تارماق شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئويۇشتۇرغان. مۇسابىقە مەزمۇنى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش، تالانتىنى نامايەن قىلىش، ئونۋېرسال سۇئال-جاۋاپ، مەخسۇس تېمىدىكى نوتۇق سۆزلەش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت بىر تۇتاش ئىشلىتىدىغان جانلىق تىلنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇن يوقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشنى بېيىتىپ، ناخشا ۋە ئۇسسۇلغا ھەۋەس قىلىدىغان تالانتى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قوش تىل»غا بولغان قىزىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر