باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايدا «مۇزات غۇنچىلىرى ساداسى» مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى

2015.06.05 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، باي ناھىيە ئومباش يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئاپتونوم رايۇن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «مۇزات غۇنچىلىرى ساداسى» مەشرىپى ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، يېزىلىق پارتىكوم، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا مۇقىملىقنى قوغداپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى، يېزىلىق پارتىكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ناھىيە ۋە ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  پائالىيەتتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان شەكلى ھەر خىل، مول مەزمۇنلۇق نومۇرلار ئورۇندىلىپ، پائالىيەت مەيدانىنىڭ كەيپىياتىنى يوقىرى كۆتۈردى. بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتى ئارقىلىق، ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلىنىش توغرىسىدىكى تونۇشى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر