خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇرباننىياز قاسىم خەۋىرى، فوتوسى:ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار ئەڭ ياختۇرۇپ كۆرۈپ- ئاڭلايدىغان نادىر ناخشا- ئۇسسۇللارنى ئېجاد قىلىپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، چوڭلار، ياش- ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەمىلىكىتىمىزنىڭ سەنئەت ساھەسىدە جامائەتچىلىككە تونىلىۋاتقان، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ياش، ئاتاقلىق سەنئەتكار ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەمراھلىرى بىلەن 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئانا يۇرتى گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يېزىسىغا كىلىپ، يېزىلىق 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ھويلىسىدا ھەر مىللەت ئاممىسىغا بىر مەيدان ھەقسىز ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ بەردى. ئويۇننى كۆرۈشكە قاتناشقان 5000 دىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئاممىسى شاتلىققا چۆمۈپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئارقىلىق يۇرت ئوغلىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئويۇن ئاخىرىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش قوراللىرى ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى كەلگۈسىدە ۋەتەن، خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقىش ئۈچۈن، يەنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. يۇرتىدىكى ئاجىز، نامرات قىرىنداشلىرىغا 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى تۇررمۇش بويۇملىرىنى ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزدى.
سۈرەتتە : ئويۇن ئەھۋالىدىن كۆرۈنۈشلەر
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى