خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئىيۇن، شەھەلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە، 2015-يىللىق مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى چۇڭچىڭ مۇسابىقە رايونى باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى − ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ كىچىك توپچىلىرى مۇكاپات لوڭقىسى، مېدالنى ئېلىپ ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلار بىلەن بىللە خۇشال تەنتەنە قىلىشماقتا. 29-مايدىن 31-مايغىچە بولغان مۇسابىقىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋەكىللەر كوماندىسى 83 توپ كىرگۈزۈپ 5 توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ، 6 مەيدان ئۇتۇپ چىقىشتەك نەتىجى بىلەن چېمپيون بولدى. بۇنىڭدىن باشقا شەھەرلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى