باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەرەققىيات سودا ئۇيۇشمىسى 12-ماي رەسمىي قۇرۇلدى، 84 ئورۇن ئەزا بولدى

2015.05.12 13:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ماي، شىنجاڭدىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور بولغان سودا ئۇيۇشمىسى ـ شىنجاڭ تەرەققىيات سودا ئۇيۇشمىسى رەسمىي قۇرۇلدى، 84 كارخانا ئەزا بولدى.

  شىنجاڭ تەرەققىيات سودا ئۇيۇشمىسى شىنجاڭدىكى ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور كارخانىلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، دەسلەپكى باسقۇچتا شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر 70 ئەزا مىللىي كارخانىنىڭ ساپ مۈلكى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان، شىنجاڭدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكېترىگە ئىگە چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئابرويلۇق جەمئىيەت باشلىقلىرىنىڭ نامىدا ئۇيۇشمىغا كىردى.

  شىنجاڭ تەرەققىيات سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى، گۇاڭخۇي گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى سۇن گۇاڭشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سودا ئۇيۇشمىسىدىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى كەسپلەردىكى يولباشچىلار، شىنجاڭدا شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە تونۇلغان ھەم تەسىر كۈچى زور كارخانىلار بولۇپ، شىنجاڭ مىللىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ تەۋرەنمەس كۈچلىرىدۇر.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر