باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى سىياسىتىنى تەڭشىدى

2015.04.27 14:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى 22 – ئاپرېلدىن باشلاپ شەخسلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى سىياسىتىنى تەڭشەپ، تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇل سوممىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى ئەسلىدىكى 400 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگە كۆتۈردى. يېڭى سىياسەتتە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىدىن قەرز ئېلىپ 1 – قېتىم سېتىۋالغان ئۆي بىلەن 2 – قېتىم سېتىۋالغان ئۆيگە دەسلەپ تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ نىسبىتى ئوخشاشلا %20 قىلىپ بېكىتىلدى؛ باشقا جايدىن ئۆي سېتىۋالغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلى بېرىش كەسپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ سودا قەرز پۇلى ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغانلارنىڭ سودا قەرز پۇلىنى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلىغا ئۆزگەرتىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى؛ 3 – يۈرۈش ئۆيگە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىدىن قەرز بېرىلمەيدىغان بولدى.

  تۇنجى سېتىۋالغان يېڭى ئۆينى بېكىتىش جەھەتتە، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان ئۆيى تۇنجى سېتىۋالغان يېڭى ئۆي بولىدۇ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇنجى قېتىم ئالغان قەرزىنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قايتا قەرز ئالسا، تۇنجى سېتىۋالغان ئۆي بويىچە بېجىرىلىدۇ، ئىلگىرى بېكىتىلگەن 2 – قېتىم تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغانلار دەسلەپ %50 پۇلنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ، ئۆسۈم نىسبىتى %10نىڭ ئۈستىدە لەيلىمە بولىدۇ، دېگەن چەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئىشچى – خىزمەتچىلەر تۇنجى قېتىم ئۆي سېتىۋېلىشقا ئالغان تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلىنىڭ سوممىسى شۇ كىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز پۇل ئېلىش چېكىگە يەتمىگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئالغان قەرزنى تېخى قايتۇرۇپ بولالمىغان بولسىمۇ، يەنىلا 2 – قېتىم تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەمما ئىككى قېتىملىق قەرز پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى شۇ كىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەرز ئېلىش يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دەپ بەلگىلەندى. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىجارە ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بولسا، ئىجارە ھەققىنى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىدىن ئېلىپ تۆلەشكە بولىدۇ، ئەمما ئايدا ئالىدىغان تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنىڭ سوممىسى 1500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئىجارە ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارىسىنى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىدىن تۆلەيدىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ساختا توختام، ساختا ئىسپات ئىشلەتكەن بولسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى شۇ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ ئىدارىسىگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ، ھەم ساختا توختام، ساختا ئىسپات ياساپ ئېلىۋالغان مەبلەغنى قايتۇرۇۋالىدۇ، ھەم شۇ ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ بەش يىلغىچە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.  ھەمبەھىرلەش

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر