باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 70 تەدبىرنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتتى

2015.04.27 14:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، 22 – ئاپرېل مەخسۇس ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا 26 جەھەتتە 70 تەدبىرنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلگەن 26 جەھەتتىكى 70 تەدبىرنى تۈرلەرگە بۆلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى. باشلامچى ئورۇنلار ۋە مەسئۇل ئورۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنى مىقدارلاشتۇرۇپ، ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى كىشى بېشىغىچە تەقسىملەپ، تۈرلەرنى بىر – بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر ۋە رايوندىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، شەھەرنىڭ 12 تۈر قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلارغا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، مەمۇرىيەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتقا نىسبەتەن ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرتىدە، ئىقتىسادىي خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر