باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم ئويمانلىقىدىكى پەۋقۇلئاددە زور نېفىت تەبىئىي گاز بەلۋېغى ئونسۇ ناھىيەسىدە بايقالدى

2015.04.17 11:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىز مۇنىردىن تۇنياز، تۇردى راخمان، خەۋەر قىلىدۇ:تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان ئونسۇ ناھىيەسنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە يانداش جايلاردا نېفىت تەبىئىي گاز قېدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى. چۆل، يانتاق، ئۇزۇن قاتارلىق 3 ئورۇندىن شەكىللەنگەن ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايوندا 20 مىليارد كۇپ مېتىردىن كۆپرەك تەبىئىي گاز، 20 مىليون توننىدىن كۆپرەك نېفىت زاپىسى بارلىقى ئېنىقلاندى. نۆۋەتتە بۇ تۈر دالىدا سانلىق مەلۇمات توپلاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق نېفىت تەبىئىي گاز ئېچىش ئاساس تۇرغۇزۇلدى.ئىگىلىنىشىچە، ئونسۇ ناھىيەسى ھازىرغىچە 7 نېفىت تەبىئىي گاز بەلۋېغىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان بولۇپ، يىلىغا 50 مىڭ توننىدىن كۆپرەك خام نېفىت، 250 مىليون كۇپ مېتىردىن كۆپرەك تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ قېتىم قېدىرىپ تەكشۈرۈلگەن نېفىت تەبىئىي گاز كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغاندىن كېيىن تارىم نېفىتلىكىنىڭ يەر ئاستى بايلىقى غول تومۇرى قۇرۇلۇش ئۇلى پۇختىلىنىپلا قالماي، نېفىت تەبىئىي گاز زەنجىرى ئۇزارتىلىپ،جەنۇبى شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا خېلى كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدىكەن.

  ئونسۇ ناھىيەلىك نېفىتلىك رايونى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى نىجات ئۆمەر مۇنداق دېدى: نېفىتلىك شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەسەۋۋۇرى 2016- يىلدىن باشلاپ 7 خىزمەت بەلۋېغىنى ئېچىش؛ يەنى بوزدۆڭ، قىرمىش ئاتام مازىرى رايونىنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتىن ئىبارەت. بۇ جايلار كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغاندىن كېيىن باج كىرىمى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئىقتىساد ۋە مالىيە قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتتە ناھىيەمىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.ئونسۇ ناھيەلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىنمۇنىردىن تۇنياز،تۇردى راخمان، خەۋرى

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر