باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولىدىكى ئاتەش ماكان تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىندى

2015.04.13 14:23   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

يىپەك يولىدىكى ئاتەش ماكان تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىندى

  ‹‹تۇرپان ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى رەسمىي تەسىس قىلىندى!››. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 12 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن تۇرپاندا بۇ خەۋەرنى جاكارلىدى.

  بۈگۈن تۇرپاندىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلق ئۆزلىرى ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان بۇ خەۋەرنى ئاڭلىدى. گوۋۇيۈەن تۇرپاندا ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى، تۇرپان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت ئىشتاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ تەسىس قىلىنغان تۇنجى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ قالدى.

  تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى جاكارلاش يىغىنى 12 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن تۇرپان شەھىرىدە ئېچىلدى، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ رەھبەرلىرىنى باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ھەر مىللەت كادىر، ئامما بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ تارىخىغا يېزىلىدىغان بۇ تارىخىي ئىشقا شاھىت بولدى.

  مەركەزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش ئۆلچىمى بويىچە، تۇرپاننىڭ ۋىلايەت ئىشتاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى تەسىس قىلىندى، تۇرپان شەھىرىنىڭ (ناھىيە دەرىجىلىك) شەھەر ئىشتاتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قۇچۇ رايونىغا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرىدە شەھەر رايونغا، ناھىيەگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلۇپ، تەۋەلىكىدە بىر رايون، ئىككى ناھىيە، يەنى قۇچۇ رايونى، پىچان ناھىيەسى ۋە توقسۇن ناھىيەسى بولىدۇ، ئىككى ناھىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمەيدۇ. ۋىلايەت دەرىجىلىك تۇرپان شەھىرى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپپارات سانى، خادىملار ئىشتات سانى قاتارلىقلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدۇ، ئىخچام، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئاپپاراتلار ۋە سەپلىنىدىغان خادىملار مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنىشى مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە تۇرپاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، تارىخ ئالدىدا مەسئۇل بولۇش، مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كەلگۈسىنى كۆزلەش مەقسىتىدە چىقىرىلغان مۇھىم تەدبىر؛ بۇ، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق؛ ‹‹بىر بەلباغ بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى ياراتقان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى؛ بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر بولغان، ئىتتىپاقلاشقان، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىش مەمۇرىي ئاپپارات ۋە رەھبەرلىك ئۇسۇلىدىكى زور ئىسلاھات بولۇپ، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپ ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قەتئىي بويسۇنۇش، قەتئىي قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ لايىھەلەش، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇش، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش كېرەك.

  تۇرپان ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇرۇقلۇق يىپەك يولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي بولغان. تۇرپان ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىزچىل ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارنى تۇتاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. ھازىر تۇرپان ۋىلايىتىدە 37 مىللەت ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 600 مىڭدىن ئاشىدۇ، رايون ئورنى، قاتناش ئەۋزەللىكى روشەن، بايلىقى مول، ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلغان، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىش ئۆلچىمىگە يېتىدۇ.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىشىغا قوشۇلغانلىق توغرىسىدىكى تەستىقىنى تارقاتقانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش››نى ئوقۇپ ئۆتتى.

  يىغىنغا بەي جىجيې، جاپپار ھەبىبۇللا، ماۋكەن سېيتقامزا، سەلىمجان سەيدۇللا، شۈ ۋېيخۇا قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەسلى مائارىپى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشن…
      ·يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش خىزمىتى 15 …
      ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوجىما ياسۇيو ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەش يىل ئۇزارتىلىدۇ
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·غەربكە سەپەر پويىزى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا توختىماي قاتنىماقتا 
      ·قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە 94-ئورۇندا تۇرغان
      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …