- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا كارخانىلاردىن پېنىسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 11-قېتىم ئۆستۈرۈلدى
2015.04.13 14:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:10-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ 2015-يىللىق كارخانىلاردىن پېنىسىيىەە چىققان كىشىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يۇقىرىغا تەڭشەشنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە؛ 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، كارخانىلاردىن پىنىسيىگە چىققان كىشىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئۆستۈرۈلدى. بۇ قېتىملىق تەڭشەش 2005-يىلىدىن بۇيانقى 11-قېتىم ئۆستۈرۈش بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلاردىن پېنىسىيىگە چىققان 882 مىڭ پىنسىيونېر مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. مائاش ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى كارخانىلاردىن پىنسىيىگە چىققان خادىملارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەر ئايلىقى 236 يۈەن ئۆسىدۇ. (تەرجىمە مۇھەررىرى تۇرغۇن ئابلىز)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر