باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىدە چوڭ تەڭشىلىش بولدى

2015.04.07 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹2015 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىشنى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرى›› يېقىندا ئېلان قىلىندى، ئۆتكەن يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىدە تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى، دائىرىسى ۋە تەرتىپى قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى تەڭشىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشلار بولدى.

  2014 – يىلى 1 – نويابىر ‹‹يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشىدا ھالقىما تەرەققىيات بارلىققا كەلگەنىدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2004 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسىدىن يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا 120 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 35 مىليوندىن ئارتۇق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىلگەن. مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشتا ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى 2003 – يىلىدىكى %33 تىن 2014 – يىلىدىكى %61كە يېتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشكە پۇختا تىرەك بولغان.

  تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق شەخسىي ۋە تەشكىلاتلارغىچە كېڭەيدى

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ‹‹پىكىر››دە ئەڭ چوڭ بولغان ئۆزگىرىش تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتلىرى بۇرۇنقى ‹‹دېھقان – چارۋىچى، بېلىقچى، دېھقانچىلىق مەيدان(ئورمانچىلىق مەيدانى)لىرىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرى››دىن ‹‹يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەر ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرى››غا ئۆزگەرتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، شەخسلەر دېھقان – چارۋىچى، بېلىقچى، دېھقانچىلىق مەيدان (ئورمانچىلىق مەيدانى)لىرىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان باشقا ئاھالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرىنى بەلگىلەشنى يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت قانۇنلار بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. بۇ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىدىغان يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى ۋېيگو چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا ئاساسلىقى ھازىر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سۇبيېكتلار پەقەت دېھقان، چارۋىچى، بېلىقچىلار بولۇپلا قالماستىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتىكى نۇرغۇن ۋەزىپىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى ئۈستىگە ئېلىۋاتقانلىقىدىن بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن، دېھقان دېگەن بۇ ئۇقۇم پەقەت بىر خىل كەسىپ ئايرىمىسى بولۇپ قالدى، ئۇلارنى ئولتۇرۇش ئورنى ۋە نوپۇس دەپتىرىگە قاراپ ئايرىماق تەس بولىدۇ.

  تولۇقلىما بېرىش تۈرلىرى ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان، شېكەر قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلدى

  بۇرۇنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، 2015 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە مەركەز مالىيە مەبلىغىدىن ماشىنا – سايمانلارنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى 2014 – يىلىدىكى 175 تۈردىن 137 تۈرگە ئازايتىلدى، تولۇقلىما بېرىش تۈرلىرى نېمە ئۈچۈن ئازايتىلىدۇ؟

  لى ۋېيگو چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان، شېكەر قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ، سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە توغرىلىقىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. ‹‹پىكىر››دە مۇنداق دەپ بەلگىلەندى: ‹‹دانلىق زىرائەتلەرنى ئاساسەن ئۆزلىرى تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇش، نورما ئاشلىق قەتئىي بىخەتەر بولۇش››تىن ئىبارەت نىشان، تەلەپ بويىچە، مەركەز مالىيەسىنىڭ مەبلىغىدە ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان، شېكەر قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىغا كېرەكلىك بولغان ماشىنا – سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىلىدۇ، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، باغ – ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلاشقا كېرەكلىك ماشىنا – سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىشكە قوشۇمچە ئېتىبار بېرىلىدۇ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئەتراپىدا ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان، شېكەر قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈش تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  ‹‹پىكىر››دە يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ نۇقتىلىق تۈرلەرگە قارىتا ئوچۇق تولۇقلىما بېرىشتىن ئىبارەت. لى ۋېيگو مۇنداق دېدى: نۇقتىلىق تۈرلەرگە ئوچۇق تولۇقلىما بېرىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا، بىر تەرەپتىن مەبلەغنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىلارغا تولۇقلىما بېرىپ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتلىرىنى بېكىتىش قاتارلىق تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئازايتىپ، ھوقۇقنى ئىجارىگە بېرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ بۇنى ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تارماقلىرى ئۆز جايىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بازاردا سېتىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىرىنسىپ جەھەتتىن مۇشۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسىنىڭ %30ى بويىچە ھېسابلاپ بېكىتىدۇ. بەزى نۇقتىلىق ھالقىلاردىكى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ‹‹پىكىر››دە يەنە بىر قىسىم ماشىنا – سايمانلارنى سېتىۋېلىشىغا تولۇقلىما بېرىش سومما چەكلىمىسى ئۆستۈرۈلدى.

  تولۇقلىما پۇل بېرىش تەرتىپى تېخىمۇ ئاددىي، ئۇچۇر تېخىمۇ ئاشكارا بولىدۇ

  بۇرۇنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، تولۇقلىما بېرىش تەرتىپى تېخىمۇ ئاددىي بولىدۇ. ‹‹پىكىر››دە جايلاردىن مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتىدە، رەسمىيەتنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن كۆپ قاتراپ كېتىشىنى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى. تولۇقلىما بېرىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئالدى بىلەن ماشىنا – سايمانلارنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن تولۇقلىما ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش تەشەببۇس قىلىندى، ناھىيە، يېزىلارنىڭ ماشىنا – سايمانلارنى سېتىۋېلىش مەركەزلەشكەن جايدا ياكى شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت زالىدا ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ تىزىملاشتا بىر يۈرۈش مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە مەبلەغ ھېسابلاش سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ماشىنا – سايمانلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن تولۇقلىمىنى ئىمكانقەدەر تېز ئېلىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

  تولۇقلىما بېرىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش جەھەتتە، ‹‹پىكىر››دە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۆلكە ۋە ناھىيە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلار يولغا قويۇش لايىھەسى، تولۇقلىما نورما جەدۋىلى، مەشغۇلات تەرتىپى، ئەرز – شىكايەت قىلىش، مەسلىھەت سوراش ئۇسۇلى، مەبلەغ كۆلىمى ۋە ئىشلىتىش ئەھۋالى، تولۇقلىما بېرىلگەن ئوبيېكتلار، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ۋە مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ئاشكارىلىشى كېرەك.‹‹خەلق گېزىتى››دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر